|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە قاتناش – ترانسپورت مىنىستىرلىكى 27 – ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك باھا، مالىيە، قاتناشقا مەسئۇل تارماقلاردىن ئۇنىۋېرسال يانداش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ماي باھاسىنى تەڭشەشنىڭ قاتناش – ترانسپورتقا يەتكۈزىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، ماي باھاسىنى تەڭشەش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەنجىرسىمان ئىنكاسنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن يول، سۇ ترانسپورت تەننەرخى ماس ھالدا كۆپىيىدۇ، جايلار تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر قاتنىشى، يېزا يول ترانسپورتى (ئاراللار ئارىسىدىكى ۋە يېزىلارنىڭ سۇ يولى ترانسپورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تاكسىلارنىڭ كىرا ھەققىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىرا ھەققىنى ھەر قانداق باھانە بىلەن ئۆستۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشكە يول قويماسلىقى كېرەك.
|