باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى قوللايدىغان سىياسەت،تەدبىرلەرتوغرىسىدىكى پىكرى››ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى
2008- 07- 03 09:50 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلەرنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى قوللايدىغان سىياسەت، تەدبىرلەر توغرىسىدىكى پىكرى›› 30 – ئىيۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. سىياسەت ۋە تەدبىر ئارقىلىق قوللاش دائىرىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ۋەيران بولغان ئۆيلىرى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇل مۇئەسسەسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ