باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئالدىنقى باسقۇچتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداش كېرەك
2008- 07- 03 09:49 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 – ئىيۇل ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ھەم ئىزچىللاشتۇردى؛ يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى؛ يىغىندا ئالدىنقى باسقۇچتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركەز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەز نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئالدىنقى باسقۇچتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، مالىيە مىنىستىرلىكى، تاڭشەن شەھىرى، جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان نېفىت باش شىركىتى ۋە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى.

   شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى بۇ يىل 3 – ئايدىن بۇيان ئالاقىدار رايون، تارماق ۋە ئورۇنلاردا نۇقتىدا سىناق قىلىندى. نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي تەربىيىنى ئاساس قىلىش بىلەن مەسىلىنى تىرىشىپ ھەل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن ئىدىيىنى ياخشى قوراللاندۇرۇشنىڭ  مۇناسىۋىتىنى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئۇزاق، ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بارلىق خادىملارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشىپ، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ياراتتى ۋە توپلىدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش باسقۇچىغا كىردى. بۇ باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشتىكى ئەڭ مۇھىم بەلگە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇنلار تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشتىن  – ئاخىر ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئورۇنلار رەھبەرلىك  سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دائىم تەھلىل قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ  ۋە ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشىلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، بېيجىڭ ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 يىللىق تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئەلرازى  قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ