|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى يىغىنىدا 2007 – يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2008 – يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2007 – يىلى جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتا پائال ئىلگىرىلىدى. ئەمما ھازىر ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزرەك بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر كەسىپلەرنىڭ كۆپىيىشى يەنىلا تېز بولۇۋاتىدۇ، مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭGDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئېغىر سانائەتكە يۈزلىنىش ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بەش يىلدا ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىشتە ۋەزىپە يەنىلا ناھايىتى جاپالىق.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ‹‹11 – بەش يىل››لىق پىلاندىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتىكى چەكلىمە نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىدە بۆسۈش قىلىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلما تەڭشەشنى تېزلىتىپ، سىياسەت، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشۋىقات، تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھىسىدىكى تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنى يېتەكچى، كارخانىنى گەۋدە قىلغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلقى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىش، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر: (1) نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. (2) سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر كەسىپلەرنىڭ تېز كۆپىيىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. (3) قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشنى تېزلىتىش كېرەك. (4) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. (5) نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. (6) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتىنى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. (7) ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. (8) نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. (9) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. (10) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا ئائىت قانۇن، نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. (11) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش كېرەك. (12) ‹‹ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش بويىچە ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى››نى تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، گوۋۇيۈەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەي بىڭگو ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
|