|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئېغىر دەرىجىدە ئوغرىلىقچە قېزىلدى ۋە ئېلىپ – سېتىلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى قوغداش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەمۇرىيەتتىكى كۈتۈم ئىشلىرىدا سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سوۋغا قىلىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.
1 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا سىلىتسىيلاشقان ياغاچ قېزىلغان، يۆتكەپ كېتىلگەن، ئېلىپ – سېتىلغان، بىر قىسىم جايلاردا سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار ئاشكارا سېتىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈپ يىلتىزىدىن توسۇيالمىغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹قوغداش نىزامى›› دا مۇنداق بەلگىلىگەن: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مەمۇرىيەتتىكى كۈتۈم ئىشلىرىدا سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سوغا قىلىشنى چەكلەپ، ئوغرىلىقچە قېزىپ پايدىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنغانلارغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوغرىلىقچە قېزىش ۋە سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى ۋەيران قىلىشتەك ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
|