باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 07- 03 09:43 شىنجاڭ گېزىتى

   . فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى چۇش جياڭجۈن بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مانىۋېردا 17 پۇقرانىڭ ئۆلۈشىدە جاۋابكارلىقى بولغانلىقتىن، 1 –  ئىيۇل ساركوزى زۇڭتۇڭغا ئىستېپانامە تاپشۇردى.

   . جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۈيجىن 1 –  ئىيۇل: جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ زىمبابۋېنى ياراشتۇرۇش مەسىلىسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، دېدى.

ئۇ: جۇڭگو زىمبابۋېدىكى گۇرۇھلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھىسى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

   . ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 1 –  ئىيۇل  ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا  يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان قوبۇل قىلغان ئىراقلىق مۇساپىرلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، بۇ مالىيە يىلىدا 12 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش نىشانىغا يېتىشى تەس ئىكەن.

   . جۇڭگونىڭ بىر كارخانىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگولۇق بىر خىزمەتچىسىنى 29 –  ئىيۇن ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋارداق ئۆلكىسىدە سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

   . روسىيىنىڭ ‹‹م – 8›› بەلگىلىك بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى سىبىرىيىنىڭ يامال  –  نېنېتىسكى ئاپتونوم رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ،  ئايروپىلاندىكى توققۇز كىشى قازا قىلدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ