|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (19)
شىنجاڭدا 138 خىل قېزىلما بايلىق تېپىلدى ھەم مەملىكەت بويىچە تېپىلغان قېزىلما بايلىقنىڭ% 80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇردى. تېپىلغان قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈردىن باشقا يەنە مىس، نىكېل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، خروملۇق تۆمۈر كېنى، تۇزلار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا ئىشلىتىدىغان مېتاللوئىد كېنى، ئالتۇن، گۆھەر ۋە قاشتېشى قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئېچىپ پايدىلىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە. بۇ مول قېزىلما بايلىقلار شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىنىدا مىليون يىل كۆمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ جىمجىتلىق بۇزۇپ تاشلاندى.
گېئو كان ئىزدەش خىزمىتىدىن كەينى – كەينىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى
قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا، بايلىقنى ئېنىقلاش خىزمىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىزمەت ئاسانغا توختىمايدۇ. بىرىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شارائىتى جاپالىق، گېئو چارلاشتا ۋەزىپە ئېغىر، ھازىرغىچە نۇرغۇن يەرنىڭ رايون گېئو بايلىقى تېخى تەكشۈرۈلمىدى؛ ئىككىنچىدىن، گېئو چارلاشنىڭ مەبلەغ ۋە تېخنىكىغا قويىدىغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، شىنجاڭغا ئوخشاش ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان چەت – ياقا رايون ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش ناھايىتى تەس.
قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدى، ‹‹كىم چارلىسا، شۇ ئېچىش، ھەم شۇ نەپ ئېلىش›› بىلەن ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك چارلاش ئەترىتىنى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، قېزىلما بايلىق زاپىسىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، بىر تۈركۈم دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان رەڭلىك مېتال ۋە مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقلىرىنى پىششىقلاش بازىسى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ئاستا بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكچى بولدى.
بۇ تەدبىر ناھايىتى تېزلا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. فرانسىيە ئىنگېرسى گۇرۇھى، جەنۇبىي ئافرىقا ئانگېلۇئاساندى ئالتۇن شىركىتى، جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھى، ‹‹شېنخۇا››، ‹‹لۇنېڭ››، ‹‹شۈكۇاڭ›› قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق كارخانا شىنجاڭدا كەينى – كەينىدىن ماكانلىشىپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش – ئېچىش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇز خىمىيە سانائىتى، مېتال ۋە مېتاللوئىد پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سالدى.
2007 – يىلى گوۋۇيۈەن تارقاتقان ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر نەچچە پىكرى›› دە: ‹‹دۆلەت زېمىن بايلىقىنى تەكشۈرۈش فوندى، مەركەزنىڭ گېئو چارلاش فوندى ۋە مەركەزنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ چارلاش مەبلىغى قاتارلىق گېئو چارلاش مەبلىغىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل گېئوسى بىلەن قېزىلما بايلىقلىرىنى چارلاشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نىكېل، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق مۇھىم بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى نۇقتىلىق تېزلىتىش كېرەك›› دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2007 – يىلى شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش تۈرى 30 غا، سېلىنغان گېئو تەكشۈرۈش مەبلىغى 16 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ھەممىنى بىردەك مەركەز مالىيىسى چىقاردى؛ دالىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش تۈرى 443 كە يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيىسى چىقارغان مەبلەغ 120 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان 50:1 مىڭ دائىرىدە گېئو قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈشمۇ مەركەز مالىيىسىنىڭ زور ياردىمىگە ئېرىشتى.
گېئو چارلاش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا گېئو كان ئىزدەش خىزمىتىدە كەينى – كەينىدىن خۇش خەۋەر تارقىلىپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك نىتراتىن كېنى، كۆمۈر، تۆمۈر بايلىقى ھەم بېرىللىي، مىس قاتارلىق رەڭلىك مېتاللارنى چارلاشتىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولدى.
قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلدى
2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى شىركىتى پاي كونتروللۇقىدىكى شىنجاڭ ‹‹شىنشىن›› كانچىلىق شىركىتىنىڭ پاي چېكى شياڭگاڭدىكى بىرلەشمە سودا بېرژىسىدا ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىندى. توپلىغان ئومۇمىي مەبلىغى 4 مىليارد 630 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىغا يېتىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 13 يىلدا شىنجاڭدىكى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پېيى بازارغا سېلىنغان 29 شىركەت دەسلەپ توپلىغان 8 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلەپ، غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ شياڭگاڭدىكى ئاساسىي تاختا بازىرىدا پېيىنى بازارغا سېلىشتىكى بازار پايدا نىسبىتى، ھەر بىر پاينى سېتىش باھاسى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ پاي سېتىۋېلىش ئاساسىي سانى، شۇنىڭدەك خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن پايچىلارنى جەلپ قىلىش دەرىجىسى جەھەتتە رېكورت يارىتىپ، 2007 – يىلى شياڭگاڭدىكى ‹‹ئەڭ بازار تاپقان يېڭى پاي چېكى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتى رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنى ھالقىما تەرەققىيات ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. لىدىر يۈەن زې مۇنداق دېدى: ‹‹گۇرۇھىمىز ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، گېئو كان ئىزدەش خىزمىتىگە 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان چوڭ تىپتىكى قېزىلما بايلىق ئورنىدىن ئىككى – ئۈچنى ھازىرلاش، يېڭىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالاش بازىسىدىن ئۈچ – تۆتنى تاپشۇرىدۇ؛ 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى رەڭلىك مېتال بايلىقىنى ئۈنۈملۈك سېتىۋېلىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، مىس، نىكېل، ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنك ھەم ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى كۆلەملىك، يېڭى تېخنىكىلىق، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى زامانىۋى كەسىپ توپىغا ئايلاندۇرىدۇ››.
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلدى. ‹‹11 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ داۋاملىق مىس، تۆمۈر، نىكېل، ئالتۇن، كرېمنىي، تۇز قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى ئېچىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ ھەم تېزدىن بىر تۈركۈم قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش، مېتال تاۋلاش، پىششىقلاش كەسىپ توپى شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان رەڭلىك مېتال ۋە مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقلىرىنى پىششىقلاش تۈرىنى تەسىس قىلىپ، چوڭ كارخانا ۋە گۇرۇھلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللايدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ۋە مېتاللوئىد سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ساپ، سىپتا، سەر خىل قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. لوپنۇر كۆلى، تۇرپان – قۇمۇل، ئۈرۈمچى – سانجى، شىخەنزە، كۇچا – باي قاتارلىق بەش چوڭ تۇز خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرىدۇ. كان بازىرىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، بايلىقنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرى بولغان لوپنۇر كۆلى كالىي تۇزچىلىقىدا يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا كالىي تۇزى ئىشلەپچىقىرىش، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ‹‹شىنشىن›› كانچىلىقىنىڭ مىس – نىكېل كېنىدا نىكېلنى يىرىك تاۋلاش، ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيىسى بىلەن ‹‹تيەنيې›› خلور ئىشقارى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ھازىر بار پولىۋىنىل خلورىد، رەڭلىك، قارا مېتال كەسىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، مۇقەررەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تايانچ بولىدۇ.
|