باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ زور تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2008- 07- 03 09:37 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنى 2 – ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئېنىق تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىنقىلابىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش، چارۋىچىلىقتا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى يېڭى قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ باۋۋېن ئالايىتەن كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: 2002 – يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆتۈشنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆلىمى، ئۈنۈمى، سۈپىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئەمما شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا ئومۇمىي سەۋىيە يۇقىرى بولماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قالاق، كەسىپ قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق بولۇش مەسىلىلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن، دېھقانلارنىڭ چارۋىچىلىق كىرىمى ئاز، ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئاز بولۇش مەسىلىلىرى تولىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئاساسىدا كۆزىتىپ، مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، پەرققە توغرا قاراپ، تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئارقىلىق ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتا ھەقىقىي زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ھەقىقىي تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا مۇتلەق ئەۋزەللىككە ئىگە. ھازىر ئوتلاق چارۋىچىلىقى تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە شۇكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، تۆت پەسىلدە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىش ۋە سانىنى كۆپەيتىش تىپىدىكى ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ئۈزۈل  – كىسىل قۇتۇلالمىدۇق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەۋرىيلىكى ئۇزاق، چارۋىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. شۇڭا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز، ئوتلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، چارۋا بېقىشنى توختىتىپ ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋا كۆلىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، چارۋا نەسلى قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرىشىمىز، چارۋىچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتلاقنى كۆكەرتىدىغان، چارۋىچىلىقنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، چارۋىچىلارنى بېيىتىدىغان ئىناق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سەرخىللاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنىڭ نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا قويۇشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىۋاسىتە تۇتۇشى، مەسئۇل رەھبەر زېھنىنى يىغىپ تۇتۇشى، ئىدىيىۋى تۇنۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تېز راۋاجلاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېيىنكى بىر مەزگىللىك چارۋىچىلىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.        

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ