|
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى 30 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن 2008 – يىللىق رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بۇ يىللىق رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ئېلان قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 2008 – يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى مۇنداق بەش پرىنسىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن: بىرىنچى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %90، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %10 بولۇش؛ ئىككىنچى، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانى پرىنسىپ جەھەتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە بەلگىلىنىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان ناھىيە (يېزا) دىكى مىللەتلەر ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش؛ ئۈچىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغان خەنزۇ كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىش؛ تۆتىنچى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقى سەۋىيىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ‹‹مىللىي تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى›› ۋە‹‹ قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى›› بويىچە قوبۇل قىلىش.
2008 – يىلى 5000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىن 4750 ئوقۇغۇچى، بىڭتۇەندىن 250 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان: 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەر قايسى سىنىپ ئاچقان شەھەرلەرنىڭ ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىگىچە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.
|