باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
شەرقىي جۇڭغار تاشيولى قۇرۇلۇشى تۈرى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى
2008- 07- 03 09:36 تەڭرىتاغ تورى

       700 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغان شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر–ئېلېكتىر ، كۆمۈر–خىمىيە سانائىتى بەلبېغى تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ يول يۈزى قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىردى .

        شەرقىي جۇڭغار تاشيولى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر–ئېلېكتىر ، كۆمۈر–خېمىيە سانائەت بەلبېغىغا تۇتىشىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى تىپىدىكى غول لىنىيىلىك تاشيول بولۇپ ، ياسىلىدىغان يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى137 كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ يول دۆلەت تاشيولى 216–لىنىيىسى بىلەن ئۆلكە تاشيولى 228– لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ . تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن ، شەرقىي جۇڭغار سانائەت بەلبېغىدىكى سانائەت باغچىسىنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاپ ، تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر–ئېلېكتىر ، كۆمۈر–خىمىيە كارخانىلىرىنى بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدۇ . 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ