|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 1 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن روھىنى نۇقتىلىق يەتكۈزدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى، 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق قارار قىلغان يولغا قويۇش چارىسى كېيىنكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى ھۆججەت، پارتىيە ئىستىلى،پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، كۈندىلىك ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا، مۇھىمى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن قانۇن چىقىرىشنى تاماملاش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭ پىلانلاش، تەڭ تەكشۈرۈش كېرەك؛ مەسئۇلىيەت ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سىناش ۋە باھالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئىنچىكە تەقسىملەش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، مۇكاپاتلاش – جازالاش، باھالاش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كادىرلارنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولغا قويۇش چارىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە كادىرلارنىڭ ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى ساقلىشىدا. خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، خەۋپ ئېڭى ۋە خەلق ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى پائال كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى راستچىل – ئەمەلىيەتچىل، پاك – ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.
|