باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
1–ئىيۇلدىن تارتىپ ، شىنجاڭدىكى شەھەر ئاھالىلىرى پارتىيە گېزىتلىرىنى پوچتا گېزىت سېتىش ئورۇنلىرىدىن سېتىۋالالايدۇ
2008- 07- 02 09:18 تەڭرىتاغ تورى

     

       1–ئىيۇل ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ پوچتا ئىدارىسى بىرلىشىپ يولغا قويغان پارتىيە گېزىت–ژورناللىرىنى پوچتا گېزىت–ژورنال سېتىش ئورۇنلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى .

      ئۈرۈمچىدە پوچتا گېزىت–ژورنال سېتىش ئورنىدىن جەمئىي 110 ى بار بولۇپ ، 700 خىلدىن ئارتۇق گېزىت–ژورنال سېتىلىدۇ ھەمدە خەلق ئاممىسىنى كۆپ ئىقتىدارلىق پوچتا خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ۋە كۆپ خىل ۋاكالىتەن ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

      پوچتا ئىدارىسىنىڭ بىر قىسىم گېزىت–ژورنال سېتىش ئورۇنلىرىدا ‹‹پارتىيە گېزىت–ژورناللىرىنى ئوقۇش سۇپىسى›› تەسىس قىلىپ ، خەلق ئاممىسىغا پارتىيە گېزىتلىرىنى پوچتا گېزىت–ژورنال سېتىش ئورنىدا ئوقۇش ۋە سېتىۋىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرى بىلەن پارتىيە گېزىت –ژورناللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ ، پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ پارتىيىنىڭ فاڭجېن–سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ‹‹كانىيى››لىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرىدۇ .  

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ