|
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ (OPEC) نۆۋەتچى رەئىسى خېلىل 30 – ئىيۇن مۇنداق دېدى : شىمالىي يېرىم شارىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلىدىن ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 150 ئامېرىكا دوللىرىغا ھەتتا 170 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىشى مۇمكىن ، لىكىن يىل ئاخىرىدا يەنە چۈشىدۇ .
نېفىت باھاسى سىجىل ئۆسۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق نېفىتنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەر تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ ، دېگەننى باھانە قىلىپ ، OPECتىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . لېكىن ، خېلىل مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : نېفىت بازىرىدا ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق مەسلىسى مەۋجۇت ئەمەس ، 53 كۈنلۈك نېفىت زاپىسى ياز پەسلىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .
خېلىل ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باھاغا چەك قۇيۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى : نېفىت ئىشلەپچىقرىش دۆلىتى بىلەن ئىستېمال دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى باھانى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەس ، بۇنى يەنىلا بازارنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ بەرگىنىمىز ياخشى .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|