|
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېقىندا مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ئىراقتىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 2009 – يىلنىڭ بېشىدا ئىراققا ئالتە برگادا ئەۋەتىدۇ .
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ئىراقتىكى 15 برگادىلىق كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ ، ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە برگادىنى ئالماشتۇرىدۇ .
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراق ۋە ئاففانىستاندىكى چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 30 – ئىيۇن پارلامېنت تەستىقلىغان ئۇرۇش ئۈچۈن 16 مىليارد 200 مىليوم ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىش قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|