|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان باج مەنبەسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇرىدىغان كارخانا 607 گە يەتكەن. 2007 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى باج تاپشۇرىدىغان كارخانىلار تاپشۇرغان ئومۇمىي باج 3 مىليارد 239 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 426 مىليون يۈەن كۆپ بولغان. بۇ كارخانىلار ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، ئۆي – زىمىن، تېلىگىراف، نېفىت، پولات –تۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنىرگىيە قاتارلىق كەسپلەرگە تارالغان. 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغان كارخانا ئىككى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ تارمىقى.
|