|
يېقىندا ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2008–يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى . ئىسپانىيە كوماندىسى چېمپىيون ، گېرمانىيە كوماندىسى 2– ، تۈركىيە كوماندىسى 3– ، رۇسىيە كوماندىسى 4– ، گوللاندىيە كوماندىسى 5– بولدى ، ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا ھېسابلىنىدىغان فرانسىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى رەتكە تىزىلىپ 16– بولدى .

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى ، فرانسىيە ، ئىتالىيە كوماندىلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بۇ قېتىم كرودىيە كوماندىسى 6– ، پورتۇگالىيە كوماندىسى 7– ، ئىتالىيە كوماندىسى 8– ، چېخ كوماندىسى 9– ، رۇمىنىيە كوماندىسى 10– ، شۋېتسارىيە كوماندىسى 11– ، شۋېتسىيە كوماندىسى 12– ، گرېتسىيە كوماندىسى 13– ، ئاۋسترىيە كوماندىسى 14– ، پولشا كوماندىسى 15– ، فرانسىيە كوماندىسى 16– بولدى .

|