باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 07- 02 11:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .دېپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېچى 1 – ئىيۇل ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولىۋاتقان سېپرۇسنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى كىپرىئانو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇلار جۇڭگو–سېپرۇس ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى .

     ·ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇشۇ ئاينىڭ 7– كۈنىدىن 9–كۈنىگىچە ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ.

     ·دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 1 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: زىمبابۋى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپە— زىمبابۋىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق، ئارىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. پەقەت مۇشۇنداق قىلىشلا، زىمبابۋىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە زىمبابۋى خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

     ·دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 1 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى؛ شىزاڭ مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بىلەن چېتىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

     ·بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى 1 – ئىيۇل دىياۋيۈتەي دۆلەت مىھمانخانىسىدا، ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولىۋاتقان تايلاند زۇڭلىسى ساما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     ·پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2007–يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 74 مىليون 153 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2007- يىلى بىر يىلدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرى 2 مىليون 782 مىڭغا يەتكەن.

     ·1 – ئىيۇلغىچە ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا سالغان مەبلىغى 54 مىليارد 825 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيىسىدىن سېلىنغان مەبلەغ 49 مىليارد 711 مىليون يۈەنگە يەتتى. مەركەز مالىيىسىدىن سېلىنغان بۇ مەبلەغلەر ئىچىدە، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا سېلىنغان مەبلەغ 19 مىليارد 711 مىليون يۈەنگە؛ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 30 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

     ·گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى رۇڭرۇڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ‹‹يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، مەركەزدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، مەركەزكە قاراشلىق كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 3 مىليون 928 مىڭغا يەتتى›› .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ