|
پەن– تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى 1 – ئىيۇل خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش — ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
|