|

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 1 – ئىيۇل خەلق سارىيىدا تايلاند زۇڭلىسى ساماك بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – تايلاند ئىككى دۆلەت خەلقى ئەنئەنىۋىي چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە، جۇڭگو – تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – تايلاند ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى قەدىرلەپ، جۇڭگو – تايلاند مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو – تايلاند ئىناق، دوستانە ئۆتۈش ۋە ئۇزاققىچە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش—جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى؛ بىز تايلاند بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ، ‹‹جۇڭگو– تايلاندنىڭ ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ئورتاق ھەرىكەت پىلانى›› دا بېكىتىلگەن نىشان بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، بىر – بىرىگە نەپ بېرىش، بىرلىكتە راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى خالايدۇ.
|