باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويدى
2008- 07- 02 10:43 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايون 26 – ئىيۇن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ئىشقا كىرىشتۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ  مۇھىم تەرىپى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبوروت ھالقىسىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويغاندا، تىجارەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبوروت ھالقىسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.››

   ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكەممەل يېمەكلىك ئىجازىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاساسىي ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. سودا  –  سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، تىجارەتچىلەر، ئىستېمالچىلار تور سىستېمىسى، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى، تەستىق نومۇرى، باھاسى، ۋاقتى ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكى، مەھسۇلاتنىڭ ساختا – ساختا ئەمەسلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ باشقۇرغۇچى، تىجارەتچى ۋە ئىستېمالچىلارغا ناھايىتى زور قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ