|
بۇ يىلقى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇنداق روشەن ئالاھىدىلىكى بار: تەييارلىق خىزمىتى پۇختا، ئۆي سېلىش ۋەزىپىسى جايىدا ئەمەلىيلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر – يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 181 مىڭ ئائىلىلىك، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان، بۇ سېلىنىش نىسبىتىنىڭ %51 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ھازىر 50 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىپ بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتى%140 كە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ%101 كە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ %83.3 كە يەتكەن، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە بۇ ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئورۇندالغان.
ھازىر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا بىر قىسىم خىش – ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرگە ئىشلىتىلگەن لاينىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان، توغرا تام بەك ئېگىز بولۇپ كېتىدىغان، خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش تەدبىرى كۈچلۈك بولمايدىغان مەسىلىلەر ساقلىنىۋېتىپتۇ. شۇڭا جەزمەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلىپ، بۇ يىلقى ئۆي سېلىش پىلانىدىكى ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ھەر بىر ئائىلىدە بىر يۈرۈش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي بولۇشى كېرەك›› دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، ئۆي سېلىش پىلانى قايتىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئامما مەنپەئەتلەندۈرۈلىدىكەن. قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەستايىدىل تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان سۈپەت مەسىلىسى دەرىجىمۇ دەرىجە رەتكە سېلىنىپ تۈزىلىدىكەن ھەم قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىللىق پائالىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىرمۇ لاياقەتسىز ئۆي سالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. ئاقسۇدا ئېچىلغان نەق مەيدان يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نۇقتىدا سىناق قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانى تۈزۈش چىڭ تۇتۇلىدىكەن. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئۆيلەر، ئادەم كۆچۈپ كىرمىگەن ئۆيلەر، چاقمىغان خەتەرلىك ئۆيلەر بولسا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمايدىكەن.
جايلاردا ئۈچ خىل ماتېرىيالنىڭ باھاسى بەك تېز ئۆسۈپ، ئۆي سالىدىغان ئامما كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىنىپ، ئامما ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قارارىنىڭ دانالىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالدۇرراق، ياخشى ئۆي سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىكەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى يىل بېشىدا بۇ يىل سېلىنىدىغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردە %100 ئىش باشلاپ، سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، يىل ئاخىرىدا ھەممە ئادەمنى بىخەتەر ئۆيگە كۆچۈرۈشنى ئېنىق بەلگىلىگەن. خوتەن ۋىلايىتى ‹‹21 – مارت›› كېرىيە، چىرا ناھىيىسىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىدەك پاكىتنى ئەينەك قىلىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆيلەرنى پۇختا سېلىپ، ئاممىنى بىخەتەر ئۆيگە ئىگە قىلماقچى بولغان. قەشقەر ۋىلايىتى 2007 – يىلىدىكى 1000 دىن ئارتۇق كەنتنى رەتكە سېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە 800 دىن كۆپرەك كەنتنى رەتكە سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
|