باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر بېجىرىلمەكتە
2008- 07- 02 10:40 شىنجاڭ گېزىتى

   ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش لايىھىلەش بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلماقتا. بۇ يىل  1 – ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا، لۇ شياڭباۋ قاتارلىق 16 ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹2008 – يىل 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى دېخۇي سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لايىھىلەش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى تۈزەش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› نىڭ تۈرتكىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش، لايىھىلەش بازارلىرى يەنىمۇ ئۆلچەملىشىشكە يۈزلەندى. ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى لايىھىلەش ئورۇنلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولغان نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا لايىھىلەش، ھۆددىگەرلىكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

   مۇخبىرنىڭ 25 – ئىيۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ، تەۋسىيىلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى شۈەن گوجۈن قاتارلىق 26 ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى كىچىك دىۋوپۇ ھەق ئېلىش پونكىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ››نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، 2009 –  يىلىدىن باشلاپ دىۋوپۇ، شۈەن رېندۈن ۋە شاڭ شاخې قاتارلىق ئۈچ جايدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى يېڭى كۆكتات، تىرىك  چارۋا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك 36مىليون يۈەندىن كۆپرەك يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلغان.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەل قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان 881 تەكلىپنىڭ 772 بېجىرىلىپ بولغان، 109 تەكلىپ جىددىي بېجىرىلىۋېتىپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ