باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلىدى
2008- 07- 02 10:33 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

       تۈنۈگۈن (1–ئىيۇل)سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ يىكەنكۆل خەلق مەيدانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھەدىن كەلگەن ئامما، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ تۆت مىڭغا يېقىن كىشى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نۇرغۇن شەھەر ئاھاللىرى ئەتىگەن سائەت 5 دىلا رەڭلىك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمنىڭ باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. سائەت 6 تىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى مۇزىكا  ساداسىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا– ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەيداندىكى نەچچە مىڭلىغان ئامما ھاياجانلانغان ھالدا دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن تىكىلدى.  ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر جەڭچىلىرى ۋە پىئونېرلار بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا سالام بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىىي دائىمىي كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئۇلۇغ  پارتىيىمىز  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمزكى پارتىيىنڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى چوقۇم تېخىمۇ ئىناق ئىتىپاق بولۇپ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ تىرىشىپ، دۆلىتىمىزنى گۈزەل روناق تاپقان سوتسىيالسىتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چىن بىن ئائىلىسدىكلەر بىلەن ئەتىگەندىلا مەيدانغا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم بايراق چىقرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىمىز. بالام بۇ يىل ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ، مەن ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلىشى ئۈچۈن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا بىللە ئېلىپ كەلدىم.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ