باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدىن ۋېنچۇەندىكى يەرتەۋرەش ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ قىممىتى 500 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى
2008- 07- 02 10:32 شىنجاڭ گېزىتى

     25 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ قىممىتى 492 مىليون 565 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن.

     ئاپەتتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلىش قىزىق لىنىيىسىدىن ئالتىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە ماسلىشىپ، جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىش ھېسابات نومۇرىنى ئېلان قىلدى؛ 24 سائەت دىژورنىلىك تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ،  جايلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

    شىنجاڭ خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئۇدا 16 مەيدان ئىئانە توپلاش ئويۇنى ۋە خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپەت رايونىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئىئانە قىلىش دولقۇنىنى  قوزغىدى.

    ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ئەۋەتىلگەن پۇل ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ قىممىتى جەمئىي 178 مىليون 242 مىڭ 300 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىئانە پۇل 131 مىليون 951 مىڭ 200 يۈەن، شەنشى ئۆلكىسىگە 100 مىليون يۈەن، گەنسۇ ئۆلكىسىگە 13 مىليون 600 مىڭ يۈەن، سىچۇەن ئۆلكىسىگە 18 مىليون 351 مىڭ 200 يۈەن ئىئانە قىلىنغان، ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنىڭ قىممىتى 46 مىليون 291 مىڭ 100 يۈەن بولغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ