باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كورلا–لوپنۇر سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 50مىڭغا يېقىن كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈردى
2008- 07- 02 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

    ‹‹سۇ كەلدى، سۇ كەلدى! ۋاھ، ھەجەب تاتلىق سۇكىنا بۇ!›› 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى لوپنۇر ناھىيىسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ كۆكقاينام كەنتىدىكى مەھمۇد نەزەر ھاياجانلانغىنىدىن سۇ تۇرۇبىسىدىن چۈشكەن زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇنى ئوچۇملاپ  ئىچىشكە باشلىدى.

   مەھمۇد نەزەر بىزگە مۇنداق دېدى: ‹‹ئىلگىرى بىز قۇدۇق سۈيى ئىچەتتۇق، قۇدۇق سۈيى تۇزلۇق بولغاچقا، تەمى قىرتاق ئىدى،  سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئىچىپ كۆنەلمەيتتى. ئىچىپ قالسا، ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. سۇ سەۋەبىدىن يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۆتتە، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلار كۆپ ئىدى، مانا ئەمدى ياخشى بولدى، ئۆيدىن چىقمايلا سۈزۈك، پاكىز  سۇ ئىچەلەيدىغان بولدۇق.››
لوپنۇر ناھىيىسى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر يۈزى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇزاقتىن بۇيان لوپنۇرلۇقلار شۇ سۇنى ئىچىپ كەلگەنىدى.

   لوپنۇر ناھىيىسى ئاپتونوم رايون ۋە  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا 2005 –  يىلى كورلا –  لوپنۇر سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى  ئومۇميۈزلۈك باشلىغانىدى. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ  ئۇزۇنلۇقى 43.5 كىلومېتىر بولۇپ، 33 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 12 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 

   2006 – يىل 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كورلا – لوپنۇر سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 –  قارارلىق قۇرۇلۇشى  رەسمىي پۈتۈپ، لوپنۇر ناھىيە بازىرىدىكى قىسمەن ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى. ناھىيىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بالدۇرراق تۇرۇبا سۈيى ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2007 –  يىلىنىڭ بېشىدا لوپنۇر ناھىيىسى   يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ناھىيىنىڭ  24  نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىپ، تارىم، گۈلباغ،  شىڭپىڭ، ئىتتىپاق، لوپنۇر  قاتارلىق يېزا  – بازاردىكى 17 كەنتنى كورلا – لوپنۇر سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تورىغا كىرگۈزدى.

   2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە، تارىم يېزىسىنىڭ يېڭىنۇر،  قۇربانكۆل، بەخت،  گۈلباغ، خادا دۆڭ، قىزىل نۇر، ديەنفېن، كۆكقاينام كەنتلىرى، لوپنۇر بازىرىنىڭ دۆڭمەھەللە، شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ شاڭياڭ كەنتلىرىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلۈپ،  50 مىڭغا يېقىن كىشى دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىدىغان تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ