|
كورىيىدە يەنە مالىمانچىلىق كۆرۈلدى! كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 26 – ئىيۇن ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى قارار قىلغانلىقى يەنە ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، بۇنىڭ تەسىرى سېئولدىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى. مەملىكەتتىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى كوچىلارغا چىقتى، ھەتتا نۇرغۇن ساقچى ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كوچىدا تۈنىدى. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئامما ‹‹ھۆكۈمەت تەختتىن چۈشسۇن››، ‹‹ئاخىرقى جەڭ›› دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشتى. باشتا شام ياندۇرۇپ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش ئاخىرى زوراۋانلىققا ئايلاندى.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتى 26 – ئىيۇن رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، كورىيە دېموكراتىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بەزى شەھەر ئاھالىسى تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ كالا گۆشى قويۇلغان پۇساندىكى كانمان پرىستانىغا بېرىپ، كالا گۆشىنى توڭ ئىسكىلاتتىن ئېلىپ چىقىشنى توسىماقچى بولدى. دېموكراتىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پۇساندىكى يۈك ترانسپورتى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقىنى ساقچىلار قولغا ئالدى.
25 – ئىيۇن كەچتە سېئول شەھەر مەركىزىدىكى كەڭ كۆلەملىك شام ياندۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قاتناش قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلدى. بەزى نامايىشچىلار بوتۇلكا ئېتىپ، ساقچى ئاپتوبۇسلىرىنى ۋەيران قىلدى ھەم ئاپتوبۇسلاردىن ئۆتۈپ سېيگاداي سارىيىغا كىرىشكە ئۇرۇندى. ساقچىلار سۇ ناسوسى بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى. شۇ كۈنى 139 نامايىشچى قولغا ئېلىنىپ، شام ياندۇرۇپ نامايىش قىلىش باشلانغاندىن بۇيان تۇتۇلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى.
تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارىمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. كورىيە ساقچى نازارىتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى 26 – ئىيۇن ساقچىلارنىڭ يېقىندا شام ياندۇرۇپ نامايىش قىلغانلارغا قوللانغان تەدبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كومىتېت ساقچىلارنىڭ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى، خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتكە قارىتا، كورىيە زۇڭلىسى 26 – ئىيۇن ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش›› ئۈچۈن تېلېۋىزوردا سۆز قىلدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ كالا گۆشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تونۇشتۇردى، ئاممىنىڭ ئەسلىگە قايتىپ، ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت بۇ قېتىم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، خەلقنىڭ ساداسىنى ئىنكاس قىلىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.
‹‹پۇسان گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كالا گۆشى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدىكى ئىختىلاپ بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. بەزىلەر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلەر ‹‹ئاخىرغىچە جەڭ قىلىمىز›› دېگەن شوئارلارنى توۋلاۋاتىدۇ. خەلق كالا گۆشى مەسىلىسى تۈپەيلى ئىقتىساد چېكىنىش، تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەنلەشتەك مەسىلىلەرگە يولۇقتى. ھازىر خەلق ئەقلى – ھۇشىغا كېلىشى كېرەك. كالا گۆشى مەسىلىسىنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى.
‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|