باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
بان كىموننىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى باشلاندى
2008- 07- 02 10:23 تەڭرىتاغ تورى

    

بان كىمون تاشقى ئىشلار ئىنىستىتوتىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە

       جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 1 – ئىيۇل بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ ، جۇڭگودا ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىۋەتتى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بان كىمون تاشقى ئىشلار ئىنىستىتوتىغا بېرىپ ، نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئاشلىق كىرزىسى ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى پۈتۈن دۇنيا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ مەسىلە . ب د ت جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ .

     زىيارەت مەزگىلىدە ، بان كىمون دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشىدىكەن . دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېيجى بان كىمون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. بان كىمون يەنە بېيجىڭ ‹‹دىتەن›› دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ، ئەيدىز بىمارلىرىنى يوقلايدىكەن ھەمدە بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇشى كۆرگەزمە مەركىزى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىكەن .

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ