|
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 18 – ئىيۇن ئاقسارايدا 4 – قېتىملىق جۇڭگو – ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبىتىگە قاتناشقان جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن بىلەن كۆرۈشكەندە: جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى كۋىن مىكائىل رۇدمۇ 19 – ئىيۇن بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇش بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇش بېيجىڭ ئو ت م مەسىلىسىدە بەزى ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى بەزى زاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار بېيجىڭ ئو ت م نى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ۋە سۇداندىكى دارفور مەسىلىسى قاتارلىقلارغا چېتىۋېلىپ، بۇشنىڭ بېيجىڭ ئو ت م گە بايقۇت قىلىپ، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئاقساراي بۇشنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتتى، بۇشمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: قارشى چىققۇچىلار بۇشنىڭ غەرب ئەللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سىياسىي داھىيلىق ئالاھىدە سالاھىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا كۆپ قېتىم توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇلار بۇشنىڭ ئو ت م گە بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوغا ‹‹بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىق›› سىگنالىنى يەتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا بۇشنىڭ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق، باشقا غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشنىمۇ ئۈمىد قىلغان.
بۇش ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى كۋىن مىكائىل رۇدمۇ 19 – ئىيۇن ئىنسانىي ھوقۇق زاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م گە بايقۇت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماي، 8 – ئايدا بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرلارغا: بېيجىڭ يازلىق ئو ت م گە قاتنىشىشىم توغرا، ئو ت م گە قاتنىشىشنىڭ ئۆزۈمگە بېسىم بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىدىم، دېدى. ئۇ يەنە: ئاۋسترالىيىلىكلەر تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئو ت م گە قاتنىشىدىغان ئاۋسترالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دېدى.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 18 – ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكودا ياسومۇ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن. ‹‹يۇمىئورى خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئالدى – كەينىدە، يەنى 6 – ئاۋغۇست ۋە 9 – ئاۋغۇست ياپونىيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىدە ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە فۇكودا ياسو سەل ئالدىراش بولغاچقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ 8 – ئاۋغۇستتىكى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|