باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
2008- 07- 02 10:04 شىنجاڭ گېزىتى

 خۇجىنتاۋ (2008–يىل 6–ئاينىڭ 30–كۈنى)

   يولداشلار:

   بۈگۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باياتىن بىر قانچە يولداش ئىنتايىن جانلىق، تەسىرلىك سۆزلىدى، ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە بولدۇم ھەم ئىلھاملاندىم. سىلەرنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيىتىڭلاردا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك  قەھرىمانە ھەرىكىتىڭلار ۋە پۈتكۈل جاھاننى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئالىيجاناب روھىڭلار مەركەزلىك ئەكس ئەتتى. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن بايراملىق ھال سورايمەن!

   پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 87 يىل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، روناق تېپىشى ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىك ھوقۇقى، بەختى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان 87 يىل، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتقان 87 يىل، شۇنداقلا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەردىن غالىب كېلىش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان 87 يىل بولدى. 87 يىلدىن بۇيان، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى تۈركۈم – تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى. ئۇلار ئالىيجاناب روھى، خالىس تۆھپىسى، ئەڭ ياخشى خىزمەت نەتىجىسى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە بايرىقىغا ھۆسن قوشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى باتۇرانە ئىپادىسى پارتىيىمىزنىڭ 87 يىللىق شانلىق تارىخىغا يېڭى سەھىپە قوشتى.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مەركىزىي كومىتېت مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەيدۇ. بۈگۈن مەن ئاساسلىقى ئالدىنقى بىر باسقۇچلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قانچە  پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

   بۇ قېتىم ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى بولدى. بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۈستىدىن غالىب كېلىش – كېلەلمەسلىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىلغارلىقىغا قويۇلغان ئەڭ كەسكىن سىناق ئىدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئاپەت ئالدىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈردى. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى پەيدىنپەي ئىشلىنىۋاتىدۇ. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچ – قۇدرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار روھى جارى قىلدۇرۇلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك باتۇرانە روھى نامايان قىلىندى.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە  مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنىڭ تېز قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە كۆپ تەرەپلىمە سەۋەب بار، پارتىيىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

   ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، كۈچلۈك قوماندانلىق قىلىپ، رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەرھال ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى مۇھىم ھەم تەخىرسىز ۋەزىپە، دەپ بىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قارار قىلدى. بىز يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر راۋان ئالاقىلىشەلەيدىغان، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلاشقان، ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن، رايونلار ئارا ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرى، ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە داۋالاش – سەھىيە خادىملىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قاتارلىق كۈچلەرنى تېزدىن يىغىپ ئاپەت رايونلىرىغا ئاتلاندۇرۇپ، ئاپەت رايونلىرىغا نۇرغۇن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇپ، مەملىكىتىمىز تارىخىدا قۇتقۇزۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز، سەپەرۋەر قىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، سەرپ قىلىنغان كۈچ ئەڭ كۆپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇردۇق. سىچۇەن، گەنسۇ، سەنشى، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەركەزنىڭ سىياسەت – تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، دەرھال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش شتابى قۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزدىن قانات يايدۇردى. مەركەزدىن يەرلىككىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى، ئەتراپلىق تەشكىللىشى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى جەريانىدا، كۈچلۈك ئومۇمىي قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، بايلىق يۆتكەش – تەقسىملەش ئىقتىدارى، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى نامايان قىلىندى. بۇنىڭدىن ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش غەيرىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۇلغايتتى ۋە چىڭىتتى.   

   زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ،  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېز سەپەرۋەر قىلىپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. يەر سىلكىنىپ، تاغ گۈمۈرۈلگەن خەتەرلىك پەيتتە، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى›› قاتارلىق  ئەترەتلەرنى قۇرۇپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار ئىستىھكام شەكىللەندۈردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ئۆرۈلگەن ھەر بىر خارابىنى ئىنچىكىلەپ ئاختۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغان ھەر بىر كىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، نۇرغۇن ھاياتلىق مۆجىزىسىنى ياراتتى؛ يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشقا تەشكىللەپ، سەھىيە – كارانتىن قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئەگەشمە ئاپەتتىن تىرىشىپ مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سانسىز ئاممىنىڭ قايغۇسىنى يېنىكلەتتى؛ ئاممىنى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا، خارابە ئارىسىدىن دەس تۇرۇشقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا يېتەكلىدى. پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يىمىرىلمەس جەڭگىۋار قورغان بولۇشتەك شانلىق ئوبرازىنى جاھان ئەھلىگە نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

   پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، 1 – سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئېغىر سىناق ئالدىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ 1 – سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە غەمگۈزارى بولدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان جايلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلار ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا قىيىنچىلىق بىر قەدەر چوڭ بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە كادىرلارنىڭ سىماسى كۆرۈندى، كادىرلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خەتەرلىك پەيتتە، باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىدا ئۈلگە بولدى.

   پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى جانپىدالىق بىلەن قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەستىن،   باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. پارتىيە ئەزالىرى خەتەرلىك پەيتتە ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرۇش، خەتەردىن قورقماسلىق روھىنى نامايان قىلدى. نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى خارابە ئارىسىدىن قۇتۇلۇپ  چىقىپلا، يارىلانغىنىغا قارىماستىن باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى؛ نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى ھاياتلىق ئۈمىدىنى ئاممىغا بېرىپ، ماماتلىق خەۋپىنى ئۆزىگە قالدۇردى، ئۇلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى؛ نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، ئاجايىپ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتى يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ شانلىق ئوبرازىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى، كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغارلىقىنى نامايان قىلدى.

   پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خېيىمخەتەرگە تەڭ تاقابىل تۇرۇپ، مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ‹‹ئاپەت رەھىمسىز، كىشىلەر رەھىمدىل››، ‹‹بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش››. مانا بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىغان ئەڭ كۈچلۈك سادا. مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئۇرۇق – تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشنى ئۆز ۋەزىپىسى، دەپ بىلدى، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى تۈركۈملەپ يۆتكەشكە جىددىي تەشكىللەپ، مېھىر – شەپقەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى  قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە شەھەرلەر، يېزا، كەنتلەر، زاۋۇت – كان – كارخانىلار، ھەربىي قىسىملار، مەھەللە ۋە مەكتەپلەردە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش، خېيىمخەتەرگە قارىماي ياردەمگە بېرىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى قانات يايدى، ماكان ۋە زامان ھالقىغان بۇ خىل سوتسىيالىستىك كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىققا پۈتكۈل مەملىكەت خەلقنىڭ ئېغىر كۈنلەردە، ھايات – ماماتتا بىللە بولىدىغان كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى مۇجەسسەملەندى.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى بىۋاسىتە سىنىدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى يۈكسەك ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە، ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەندە ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ، جاپا – مۇشەققەتنى يەتكىچە تارتسىمۇ ھەرگىز بوشىشىپ قالمايدۇ؛ دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىزم تۈزۈمى غايەت زور ئەۋزەللىككە  ئىگە، كۈچنى توپلاپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدۇ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە، ھەر خىل خېيىمخەتەر، سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەرنى كونترول قىلالايدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى روشەن ئىلغارلىققا ئىگە، ئۇلار پارتىيىگە سادىق، خەلققە كۆيۈمچان، خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتچان.

   بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ،  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مەيدانغا كەلگەن قەھرىمان – نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆگىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە بارلىققا كەلگەن ۋە نامايان بولغان ياخشى ئىدىيە، ياخشى ئىستىل، ياخشى روھنى  ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇشى، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ پۇختا خىزمەتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

   يولداشلار!

   پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا، مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىز ناھايىتى ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدى، بۇ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىگىلمەي – سۇنماي، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىشتەك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھى.

   ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەشتەك زور كۈچ – قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئاپەت ئالدىدا، پۈتكۈل پارتىيە ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى، ھەممە بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر بىر ياقىدىن باش چىقاردى، رايونلار، تارماقلار، تەرەپلەر ئاپەتنى ئەڭ ئالىي بۇيرۇق، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى مۇقەددەس بۇرچ، دەپ بىلىپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا كۈچلۈك بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

   ئىگىلمەي – سۇنماي، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان قەيسىرانە روھىنى نامايان قىلدى. ئېچىنىشلىق ئاپەت، ئېغىر قىيىنچىلىق ئالدىدا، ھەربىي ۋە خەلق خېيىمخەتەردىن قورقماي، جان پىدالىق بىلەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قەيەردە ئاپەت ئېغىر بولسا، شۇ يەرگە ئاتلاندى، قەيەردە ھايات – ماماتلىق سىناققا دۇچار بولسا، شۇ يەرگە ئىلگىرىلىدى، قەيەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بولسا، شۇ يەرگە يىغىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېچقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان جاسارىتىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قورقماس روھىنى نامايان قىلدى.

   ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىش، پارتىيىمىزنىڭ خەلققە ھەقىقىي كۆيۈنۈش، ئىلىم – پەنگە يۈكسەك ھۆرمەت قىلىشتەك ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈردى. ھەربىي ۋە خەلق ئادەمنىڭ ھاياتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى بولسىلا ھەسسىلەپ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە خەلقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى؛ ئىلىم – پەنگە تايىنىش، ئىلىم  –  پەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن قەيسىرانە كۈرەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، پەن – تېخنىكىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ،  خەۋپلەرنى يېڭىپ، پەن – تېخنىكىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى كۈچلۈك تايانچ  قىلدى.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىستىك روھنىڭ؛ پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى مىللىي روھىنىڭ ھازىرقى  جۇڭگودىكى مەركەزلىك نامايەندىسى ۋە يېڭى راۋاجى.

   تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، مىللىي روھ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى؛ بىر دۆلەت تەرەققىي قىلىمەن، دەيدىكەن، بىر مىللەت دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدا قەد كۆتۈرىمەن، دەيدىكەن، تىرىشىپ قۇدرەت تېپىپ، كۈچلۈك ماددىي ئاساسى توپلاپلا قالماي، جاپا –  مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، كۈچلۈك مەنىۋى كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىن بۇيان ئۇلۇغ مىللىي روھقا ئىگە. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى كۈچلۈك روھىي تىرەك، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى مۇستەھكەم روھىي رىشتە، بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇساپىنى ئېچىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشىمىزدىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى پارتىيىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ناھايىتى بىباھا مەنىۋى بايلىقى. بىز پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىدىيە ۋە ئۈلگىلىك ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئىرادىگە، ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى تۈرتكە بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

    يولداشلار!

   ئەل بېشىغا چۈشكەن ئېغىرچىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، پارتىيىنى تاۋلايدۇ. 87 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى ئىپادىسى ۋە رولىنى يەكۈنلىسەك، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن مۇھىم ئىلھامغا ئېرىشىمىز.

   بىرىنچى، توغرا غايە – ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل پارتىيىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىش شەرت. كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يۈكسەك ئىنتىلىشى ۋە كۈچلۈك مەنىۋى تايانچى، غايە –  ئېتىقادتىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك پارتىيىمىزنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىكى. توغرا ۋە قەتئىي غايە –  ئېتىقاد بولغاندىلا، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىق كۈرەش قىلالايدۇ. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا سانسىز ئىنقىلابىي قۇربان ئالىيجاناب غايىسى ۋە قەتئىي ئېتىقادىدىن ئازراقمۇ تەۋرەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنقىلابقا جېنىنى پىدا قىلالىغان، ھايات – ماماتلىق سىناقلار ئالدىدا تەھدىتكە تىز پۈكمىگەن. تىنچ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسىمۇ ئالىيجاناب غايىسى ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادىنىڭ تۈرتكىسىدە پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى ھەم ھاياتىنى بېغىشلىيالىغان. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، پارتىيە ئەزالىرى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئاپەت ئالدىدا باش ئەگمەي، قىيىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەي، باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك ئىرادە، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۈرەش سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، غايە – ئېتىقادنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە –  ئېتىقادى قەتئىي بولسىلا ھەم بۇنداق قەتئىيلىكنى پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ئاساسىي پروگراممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىدە، ئۆز خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچلۇق، جىددىي پەيتتە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ھەرىكىتىدە ئەكس ئەتتۈرەلىگەندىلا، پارتىيىمىز چوقۇم خەلقنى باشلاپ ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاچالايدۇ.

   ئىككىنچى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق قىممىتى قىلىش شەرت. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى، پارتىيىنىڭ بارلىق قىممىتى شۇنىڭدا. پارتىيىمىزنىڭ 87 يىللىق تارىخى دەل پارتىيىدىكىلەر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كۈرەش تارىخى. قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، زور كۆلەملىك سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىشتا پارتىيىمىز خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممىدىن مۇھىم، ھەممىدىن يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر پارتىيىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى ئەڭ مۇھىم بىلىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق شەرھلىدى. خەلق دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ، كىشىلەر ئارىسىدا مېھرىبانلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ھەقىقىي مۇھەببىتى دەل خەلققە بولغان مۇھەببەت. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، كۆڭۈلدە خەلقنى ئويلىساق، خىزمەتتە خەلققە تايانساق، ھەممە ئىشنى خەلق ئۈچۈن قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچ مەنبەسىگە، مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇنغا ئېرىشەلەيمىز.

   ئۈچىنچى، كادىرلارنى ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى قىلىش شەرت. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى پارتىيىمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى تۈپ قۇرۇلۇش. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم نۇقتا، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىياتقا ئىلمىي رەھبەرلىك قىلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇرەككەپ ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ. ئادەتتە چىڭ تۇتقاندىلا، ھالقىلىق پەيتتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئالاھىدە سىناق بولدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان رەھبەرلىك قىلىش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، بىز پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى  خەۋپ ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئويلاشقا، مول، جانلىق ئەمەلىيەت جەريانىدا داۋاملىق ئۆگىنىشكە، سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، مۇرەككەپ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىنىقىدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىسەك ۋە شۇنىڭغا تۈرتكە بولساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭەلەيمىز.

    تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىش شەرت. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ پۈتكۈل خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ۋە ياخشى ئاساس سېلىش  پارتىيىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلار ۋە خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. پارتىيىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ساھەنى كېڭەيتىش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىكىر يولى بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. بۇ بىر مەيدان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئامما چىن كۆڭلىدىن: پارتىيە تەشكىلاتىلا بولىدىكەن، ئۈمىدىمىز، تايانچىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بولىدۇ، دېيىشتى. بۇ خەلقنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بەرگەن ئەڭ يۇقىرى باھاسى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئاساسنى ياخشى سېلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، تارقىلىشى كەڭ، مۇكەممەل ۋە پۇختا، قۇدرەتلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە بايرىقى ئاستىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خەلقنى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرالىساقلا، چوقۇم مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيمىز، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتە قۇدرەتلىك كۈچ  شەكىللەندۈرەلەيمىز.

    بەشىنچى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىۋىلىك ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ئىزچىل ساقلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي تېمىسى قىلىش شەرت. پارتىيىۋىلىك ئېڭى  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كوممۇنىست بولۇشىنىڭ ئاساسى، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى. پارتىيىۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇپ، تەربىيە، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى غايە ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىشكە، تەشكىلىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا، ئاۋانگارت – نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا، ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلەش ۋە تەربىيىلەش كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، قەيەردە ئاپەت ئەڭ ئېغىر، قەيەردە ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسا، پارتىيە ئەزالىرى شۇ جايغا  باردى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئاكتىپلىق بىلەن ‹‹ئالاھىدە پارتىيە بەدىلى›› تاپشۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلدى؛ نۇرغۇن ئامما پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنىڭ تەسىرىدە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1 – سېپىدە قەسەم بېرىپ پارتىيىگە كىردى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيىدىكى يولداشلار ئۆزىنى تەربىيىلەش، ئۆزىنى ئۆستۈرۈشنى پائال كۈچەيتسىلا، چوقۇم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوزغىغىلى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى، تارىخ ۋە دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

   يولداشلار!

   ھازىر، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ھەل قىلغۇچ مەزگىلگە كىردى، بېيجىڭ ئو ت م باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىيەت جىددىي، ۋەزىپىلەر مۈشكۈل. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشنى چىڭ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پارتكومنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. 

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئارقىلىق پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلارنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيىنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلىشىگە، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئاڭلىق قوللىنىپ، ئوبيېكتىپ دۇنياسى ۋە سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشىگە، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئالاقىدار جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيىۋى قاراش تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى تەربىيىگە ئىگە قىلىشى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى سىناق نۇقتا ئورۇنلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە نەتىجىسى ئارقىلىق سىناق خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچىشى كېرەك.

   ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك. مەركەزلىك رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئىنكاسى تېز، ھەرىكەتلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. كادىرلارنى تاللاشتا ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن بولۇش، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى بولۇش، ئامما ئېتىراپ قىلغان بولۇش پرىنسىپى بويىچە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش جەريانىدا سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورنىغا تاللىشىمىز كېرەك. تاسادىپىي  ۋەقەلەرگە، زور ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىنى جانلىق ماتېرىيال قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ھەم سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر قازا قىلدى، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار شۇ جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاپ بەنزىنى، 1 – سەپنى، ئاساسىي قاتلامنى تولۇقلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ كۈچلۈك، خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشى، ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىمىغان رايونلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش كېرەك. ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رايونلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا پائال ياردەم بېرىشى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرتىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.   

     پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ئارىسىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېسىل ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ خەلق بىلەن قان – گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيىنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا پارتىيە رايى، خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار ئىش – ئىزلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش، خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەربىيىلەش كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى ئۇتۇقلۇق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن – ئاخىر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى باشلامچىلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، جاپادا ئالدىدا، راھەتتە ئارقىدا تۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان رېئال نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تەربىيىسى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ئىشلارنى پاك بېجىرىپ، دىيانەتلىك كىشىلەردىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ  يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   يولداشلار!

   جۇڭگو كومپارتىيىسى 87 يىللىق جاپا – مۇشەققەتلىك مۇساپىسىدە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سانسىز سىناق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ساناقسىز قىيىنچىلىق، خەۋپ – خەتەرنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتى. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى، بېيجىڭ ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرىنى، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى يۈكسەلدۈرۈش خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!   

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ