باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى 200مىليون يۈەندىن كۆپرەك ماي باھا تولۇقلىمىسى تارقاتتى
2008- 07- 02 09:56 شىنجاڭ گېزىتى

     1 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى 2008 – يىللىق ماي باھا تولۇقلىمىسى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يولۇچى ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى، قىسمەن شەھەر تاكسىسى ۋە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرى تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىپ، جەمئىي 206 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجراتتى، بۇ پۇل 25 – ئىيۇلغىچە ئوبيېكتلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ماي باھا تولۇقلىمىسىنى كونكرېت تارقىتىش دائىرىسى مۇنداق: 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قاتناش ترانسپورتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدا قانۇنلۇق رەسمىيەت ئۆتىگەن يېزا يولۇچى ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى، قاراماي شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، ئارال شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيىلەرنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرى، قاراماي شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، شىخو شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيىلەرنىڭ تاكسىلىرىغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بىڭتۇەننىڭ ئاپتوموبىللىرىغا  بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تولۇقلىما بېرىدۇ. تولۇقلىما ئۆلچىمى: يېزا يولۇچى ترانسپورتىنىڭ 1 – دەرىجىلىك توردىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەر بىر ئورۇندۇقىغا 605 يۈەن، يېزا يولۇچى ترانسپورتىنىڭ 2 – دەرىجىلىك تورىدىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەر بىر ئورۇندۇقىغا 700 يۈەن، يېزا يولۇچى ترانسپورتىنىڭ 3 – دەرىجىلىك تورىدىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەر بىر ئورۇندۇقىغا 800 يۈەن، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 2130 يۈەن، تاكسىنىڭ ھەر بىرىگە 4920 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يول ترانسىپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان  يېزا يولۇچى ترانسىپورت ئاپتوبۇسلىرى 15مىڭ 624 بولۇپ، جەمئىي 131 مىليون 960 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى 1568 بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون 335مىڭ 800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ تاكسى 14مىڭ 376 بولۇپ، جەمئىي 70 مىليون 704مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. 2008 – يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتوبۇسلار تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن، 2008 – يىلى بىراك قىلىنغان، يېڭىلانغان ئاپتوبۇسلارغا ئالدىنقى يىلى تىزىملاتقاندىكى ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇق سانى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ 2008 – يىلى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ئىككى تەرەپ تۈزگەن ماي باھا تولۇقلىمىسىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن، كېلىشىم تۈزمىگەن بولسا، تولۇقلىما ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى تىزىملاتقان ئاپتوبۇس ئىگىسىگە بېرىلىدىكەن.     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ