|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 1 – ئىيۇل كەچتە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شې خېپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، شەۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شې خېپىڭ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى›› ئىمزالىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەش يىللىق ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككى تەرەپ كەلگۈسى بەش يىلدا ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ۋە بازا قۇرۇلۇشى، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، مۇناسىپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىسى – ھەمكارلىقى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، زېمىن – بايلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى، ساياھەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدۇ.
كېلىشىمگە ئاساسەن، سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋالىسى بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ يەنە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ھەمكارلىشىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، شەۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
|