|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 26 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. تەڭرىتاغنىڭ چوڭقۇر جىلغا ئېدىرلىقلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قايتا ياسىلىۋاتقان تاشيول ئۇزاق ئۆتمەي پۈتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ مايتاغ – كۇچا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدا 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىش باشلاندى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ مۇھىم يول ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە قاتناش جان تومۇرى بولۇپ قالىدۇ.
3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان مايتاغ – كۇچا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى مايتاغنىڭ بايىن جىلغىسىدىن باشلىنىپ، كۇچا ناھىيىسىنىڭ قورۇل دېگەن يېرىدە ئاياغلىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 378 كىلومېتىر، 2010 – يىلى ئۆكتەبىردە پۈتىدۇ.
مايتاغ – كۇچا تاشيولى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 562 كىلومېتىر، يېرىمىدىن كۆپرەك يول بۆلىكى چوڭقور جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. مايتاغ – كۇچا تاشيولىنىڭ شۇ چاغدىكى لايىھىسىنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەنرەك بولۇپ، نۇرغۇن بۆلەكنىڭ دەرىجىسى 3 – دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئىدى. نەچچە ئون يىللىق ئاپتوموبىل قاتناش، لاي – تاش ئېقىن، قار، تاغدىن چۈشكەن تاش، توڭ، توپا قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدە قاتناش كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.
ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن، مايتاغ – كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيىسى2 – دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قاتنىغىلى بولىدۇ.
|