باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
نۇرلان ئابىلمەجىن ئاۋسترالىيىلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
2008- 07- 02 09:52 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن 30 –  ئىيۇن كەچقۇرۇن ئاۋسترالىيە سامات شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلىرى لىدىرى فىلىپ ھېنرى دانىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    نۇرلان ئابىلمەجىن فىلىپ ھېنرى دانىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ئىنتايىن گۈزەل ئاپتونوم رايون، ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد راۋاجلاندى، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، بىز ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئېكولوگىيىسىنى مەۋقە قىلىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، شۇڭا جۇغراپىيىلىك ئۆلچەش – سىزىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شىركىتىڭلارنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنى، ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، شىنجاڭنى جۇغراپىيىلىك چارلاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ