باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تېكەس ناھىيىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ، ناھىيىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى
2008- 07- 02 09:34 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ياقۇپ خەۋىرى : تېكەس ناھىيىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، ‹‹ قوش تىل ››  ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ناھىيىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

      بۇ ناھىيە بۇلتۇر يىل بېشىدىن ھازىرىغا قەدەر جەمئىي 8 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى . تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان ناھىيىگە قاراشلىق ھەر قايسى بالىلار باغچىلىرىدىكى ‹‹ قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھىيە مالىيىسىدىن 100 مىڭ يۈەن ئاجراتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ ئائىلىسىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان 170 ياشنى ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش ئۈسۇلى بىلەن ‹‹ قوش تىل ›› ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ، ‹‹ قوش تىل ›› ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى . زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنى جايلارنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى دادىللىق بىلەن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى . چەت ، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ، ھەر قايسى مەكتەپلەردىن 57 نەپەر غوللۇق ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ، بۇ جايلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەۋەتتى. ناھىيىنىڭ ‹‹ قوش تىل ››ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل ناھىيىدىكى بەش ئوتتۇرا مەكتەپنى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن ئىبارەت ئىككى‹‹ قوش تىل ››لىق مەكتەپ قىلىپ بىرلەشتۈردى ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن ئاجراتتى. ناھىيىنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى نەتىجىسىدە ، بۇرۇن بۇ ناھىيىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن غۇلجا ، كۇيتۇن ۋە كۈنەس قاتارلىق جايلارغا ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئەسلىدىكى مەكتەپلىرىگە قايتىپ كەلدى.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ