|
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون يېقىدا مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى سچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى پائال قوللىنىپ ، پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولدى .
بان كىمون جۇڭگوغا كېلىش ھارپىسىدا ب د ت نىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېدى: ئاپەت رايونىدىكى ئەھۋال كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ، لېكىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ رەھبەرلىكىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .
ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشقا ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ب د ت جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلغان ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ زۆرۈر ياردەمنى قىلىدۇ . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بان كىمون 1 – ئىيۇلدىن 3 – ئىيۇلغىچە جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ .
|