باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
شىنجاڭدىكى تۇنجى تور دوختۇرخانسى قۇرۇلدى
2008- 07- 01 12:46 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭنىڭ جىڭ ناھىيىسىدىكى ۋاڭ يۈلەن ئۈرۈمچىگە كەلمەي تۇرۇپمۇ ئۆز كېسىلىگە ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلەر مەركىزىدىكى مۇتەخەسسسكە دىئاگنوز قويدۇرالىدى . ئۇ ‹‹شىنجاڭ يىراق مۇساپىلىق تىببىي داۋالاش مەركىزى››(تور دوختۇرخانىسى) ئىككى ئايدىن بۇيان سىناق تەرىقىسىدە  يىراقتىن دىئاگنوز قويغان 143– بىمار بولۇپ قالدى.

      27–ئىيۇن ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى‹‹ يىراق مۇساپىلىق تىببىي داۋالاش مەركىزى››نىڭ يوپۇقى ئېچىلغان . بۇ ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تور دوختۇرخانسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىمارلار مەلۇم مىقداردا مەسلىھەت بېرىش–دىئاگنوز قويۇش ھەققى تاپشۇرسىلا تور كۆرۈنمە چاستوتىسى ئارقىلىق مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ دىئاگنوزىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ، ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ، بىڭتۈەن–دېۋىزىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مەسلىھەت بېرىش–دىئاگنوز قويۇش ھەققى 80 يۈەن، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ 55 يۈەن بولۇپ، مەخسۇس بەلگىلەنگەن مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ ھەققى ئەسلىدىكى دىئاگنوز ھەققىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

      يىراق مۇساپىلىق تىببىي داۋالاش دېگىنىمىز يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە كومپيوتېر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ، بىمارلارنى يىراق مۇساپىدىن داۋالاش ، يىراق مۇساپىدە دىئاگنوز قويۇش قاتارلىق تىببىي پائالىيەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.

      شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋېن خاۋ مۇنداق دېدى:‹‹ دوختۇرخانىمىزدا يىراق مۇساپىلىق داۋالاش يولغا قويۇلۇپ ، بىمارلارنىڭ دوختۇرخانا ، دىئاگنوز ئالماشتۇرۇشتەك ئۇزۇن يوللۇق مۇساپىسنى قىسقارتىپ ، داۋالىنىش چىقىمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ ، چەت ، يىراق رايونلاردىكى ئېغىر كېسەل دەستىدىن قىينىلىۋاتقان بىمارلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ تېز بولۇشى جەھەتتە زور ئۈنۈم ياراتتى››.

      شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىق تىببىي داۋالاش (سىناق نۇسقىسى) مەركىزى بۇ يىل 15–ئاپرېل قۇرۇلغان . نۆۋەتتە ، قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنجى خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك 22 دوختۇرخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ مەركەز سىناق دىئاگنوز قويۇش مەزگىلىدە (18–ئىيۇنغا قەدەر) جەمئىي 143 نەپەر  ( بۇنىڭ ئىچىدە ، شىنجاڭدىن 137 بىمار ، باشقا ئۆلكە ، رايونلاردىن ئالتە بىمارغا يىراق مۇساپىدىن دىئاگنوز قويغان ۋە مەسلىھەت بەرگەن .

    

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ