باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
2008–يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش لايىھىسىدە ئۆزگىرىش بولدى
2008- 07- 01 12:38 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

      25-ئىيۇن 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2008–يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تەڭشەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە چېڭدۇ ، چۇڭچىڭ ، ئۈرۈمچى ، تيەنجىندىن ئىبارەت تۆت شەھەردىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .

     ئىگىلىنىشىچە ، 12–ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن قاتارلىق جايلىرىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا نۇرغۇن جەريان كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2008–يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەڭشىگەن . ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2008– يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 16 شەھەردە ، جۇڭگو شياڭگاڭ ، لوندون قاتارلىق تۆت جايدا يەتكۈزۈلمەكچى ئىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ