|
2008–يىللىق شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى 30 – ئىيۇن باشلاندى. بۇ يىل شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا دېھقان– چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %90 كە يېتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن چىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يىل شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى داۋاملىق دېھقان–چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلىدىكەن. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى ھەر يىلى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ ، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 2004– يىلىدىكى %50 تىن ھەر يىلى كۆپىيىپ، بۇلتۇر، %87 كە، بۇ يىل %90 كە يەتكەن.
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل يەنە داۋاملىق تۈردە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى %90 كە يەتكۈزۈش؛ ئۇزۇن مۇددەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستتا خىزمەت قىلىۋاتقان خەنزۇ كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار مەنبىئىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى‹‹خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار ›› بىلەن‹‹قوش تىللىق سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار››غا مايىللاشتۇرۇش پرىنسىپىغا بوي سۇنۇلىدىكەن.
سۈن چى مۇنداق دېدى:‹‹ئاپتونوم رايون بۇ يىل شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 5 مىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى بېكىتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كۆلىمى يەنە داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەر يىلى تىزىملىتىدىغانلار كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل بۇلتۇرقى ئاساستا، 3 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى كۆپەيدى. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، يەنە 5 يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار 10 مىڭغا يېتىدۇ›› .
ئىگىلىنىشىچە: 7–ئاينىڭ 5– كۈنىدىن 9–كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون جەمئىيەتكە شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن .
|