باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توسىيالامدۇ؟
2008- 07- 01 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 23 –كۈنى ئىرانغا يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشنى جاكارلىشىدىكى مەقسىتى—ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ،  ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى قوبۇل قىلغۇزۇش. ئەمما ئىران تەرەپ دەرھال بۇنى قاتتىق  ئەيىپلىدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئانالىزچى ئەربابلار: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرى ئىراننى ئاسانلىقچە باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. 

     بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق سەۋەبلەر بار:

      ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرى ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق ساھە—ئېنېرگىيە ساھەسىگە چېتىلمايدۇ. يېڭى جازالاش لايىھىسى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن باشلاپ ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ بانكىسى —ئىران دۆلەت بانكىسىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ لوندوندىكى، فرانسىيىنىڭ پارژدىكى، گىرمانىيىنىڭ ھامبۇرگتىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنى تاقىدى ھەمدە ئىراننىڭ 15 كارخانىسى ۋە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى مۈل– مۈلكىنى توڭلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار 20 ئىرانلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى مال – مۈلكىنىمۇ توڭلاتتى. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى جازالاش تەدبىرىنىڭ سالمىقى بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىلا چەكلىنىپ، نېفىت –تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىگە چېتىلمىدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق قارىدى: بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەلدىن ئىران بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ كەلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىراننىڭ نېفىت – تەبىئىي گاز ئىستېمال دۆلەتلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ خام نېفىتىنى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا ساتىدىغان ئۆتەڭ جاي بولۇپ كەلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بولسۇن ۋە ياكى ئامېرىكا بولسۇن، نۆۋەتتىكى خەلقئارادا  ئۆرلەۋاتقان ماي باھاسىنىڭ ئىراننى جازالاش تۈپەيلىدىن يەنە داۋاملىق ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

        ئىران پۇل– مۇئامىلە، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا تەدرىجى ئاسىيا تەرەپكە بۇرۇلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سافار ئاگاھلاندۇرۇپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننى يەنىمۇ جازالىغانلىقىغا قارىتا، ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن مەبلىغىنى ياندۇرۇپ چىقىپ، باشقا دۆلەتلەرگە سالىدۇ، دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يۈرگۈزۈلۈش ئىھتىماللىقى بولغان جازالاش تەدبىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىران ياۋروپا قىتئەسىدىن تەخمىنەن 75 مىليارد يۈەنلىك مال– مۈلكىنى ياندۇرۇپ چىقتى، ئىران ياۋروپا قىتئەسى چېگرىسى ئىچىدىكى بانكىلاردىكى بىر قىسىم مال - مۈلۈكلىرىنى ئالتۇن ۋە ئاكسېيىگە ئالماشتۇرۇپ بولدى، بىر قىسىم مال– مۈلۈكلىرىنى ئاسىيا بانكىسىغا يۆتكەپ بولدى. سافار مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈچىۋاتىدۇ، ئۆتكەنكى 3 يىلدا، ئىراننىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قىلغان سودا سوممىسى 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن قىلغان سودا سوممىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.

       جازالاش—ئىران ئۈچۈن ئېيتقاندا يېڭى شەيئىمۇ ئەمەس. ئىراننىڭ دۈشمىنى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2006 –يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ ئىرانغا 3  قېتىم جازا يۈرگۈزدى. لېكىن ئىران بۇنىڭلىق بىلەن يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن ۋاز كەچمىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 14– كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى سولانا 6 دۆلەت ھاسىل قىلغان ئىراندىن  قويۇقلاندۇرۇلغان ئوراندىن پايدىلىنىش ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ھۆججەتلەرنى ئىرانغا تاپشۇردى، ئىران تەرەپ دەرھال: لايىھە ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە بولىدۇ، لېكىن يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئىنكاس قايتۇردى. ئىراننىڭ ئۆزگەرمەس قەتئىي پوزىتسىيىسىدىن ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىدىن قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئوراندىن پايدىلىنىش ھەرىكىتىنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.

       ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئىراننى زور پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئىران دۆلەت بانكىسى ئىراننىڭ ئېكسپورتتىكى ئاساسلىق كېپىللىك بانكىسى، ئىراننىڭ دۆلەت بانكىسىنى جازالاش ئىراننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماددىي ئەشيا ئىمپورت تەننەرخىنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ ھەمدە بۇ يىللىق پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ 25 پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىشى ئىران ئۈچۈن ئېيتقاندا شەك – شۈبھىسىز ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولىدۇ، ئىران ھۆكۈمىتى دۈچ كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم مۇشۇ سەۋەبلىك ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تەدبىرى ئىران ئىقتىسادىدىكى يادرو ساھەلەرگە چېتىلمىغاچقا، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئەجەللىك زەربە بېرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارادا ماي باھاسى سىجىل ئۆرلەۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىران پايدىلىنىشقا بولىدىغان زور نېفىت پايدىسىنى دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا قاراتتى. بۇ يىل 5 –ئايدا، خەلقئارادا  بىر باك ماينىڭ باھاسى تۇنجى قېتىم 120 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەندە، مۇتەخەسسىسلەر: ئىراننىڭ بۇ يىل نېفىتتىن قىلىدىغان كىرىمى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى. لېكىن 2007 – مالىيە يىلىدا ئىراننىڭ نېفىتتىن ئالغان پايدىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى.

     ئەگەر ئىران سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسىنى رەت قىلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا تېخىمۇ كەسكىن بولغان جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن، ھەتتا ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگىمۇ جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن، تەھلىلچى ئەربابلار، مۇشۇنداق زور بېسىم ئاستىدا ئىراننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ياكى خام نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلەش تەدبىرى ئارقىلىق غەربتىكى دۆلەتلەرگە پوپوزا قىلىشىدىن ئەنسىرىدى. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە جازالاش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ خەلقئارادا ماي باھاسىغا بىر قېتىم يېڭى خىرس پەيدا قىلىشى تۇرغانلا گەپ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ