|
6–ئاينىڭ 22–كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغان خاتىرە كۈنى. نۇرغۇن روسلارنىڭ نەزىرىدە ۋەتەن ئۇرۇشى ئۆزلىرى پەخىرلىنىدىغان بىر تارىخ. ئەمما پۈتكۈل روسىيە جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، روسلار بولۇپمۇ روسىيە ياشلىرى ئاشۇ تارىخنى ئۇنتۇپ قېلىش ھالىتىدە تۇرغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋىتلىشىش ۋاستىسنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، روسلارنىڭ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كىتىشى، ئاشۇ تارىخنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتىكى ئەڭ تېز ئۇسۇل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
پۈتكۈل روسىيە جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 20–كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تورىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بو دوكلاتتا روسىيىدىكى 46 ئوبلاستتىكى 1 مىڭ 600 كىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
بارلىق تەكشۈرۈش، سوئال سوراش جەريانىدا، كىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە توغرا جاۋاپ بىرىش ئەڭ يۇقىرى بولغان. %88 تەكشۈرۈلگۈچى بۇنىڭغا ‹‹گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپ بولغان، دەپ جاۋاپ بەرگەن. %4 كىشى سوۋىت ئىتتىپاقى، %1 كىشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە ئۇرۇشنى پەيدا قىلغان، دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە بەزى زىيارەت قىلىنغۇچىلار جاۋاپ بەرمىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى كونكرېت ۋەقەلەر بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، بۇ نۆۋەتتە روسلارنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئاشۇ تارىخىي باسقۇچنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ستالىنگىراد ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىلىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، %34 تەكشۈرۈلگۈچى ستالىنگىراد ئۇرۇشىنىڭ 1942–يىلى، %26 تەكشۈرۈلگۈچى 1943–يىلى باشلانغان، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا %34 كىشى بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىشتە قىينالغان. داڭلىق لېنىنگراد ئۇرۇشى مەسىلىسىدە، ئاران %35 كىشى توغرا جاۋاپ بەرگەن، لېىنگىرادنى مۇھاسىرە قىلىش 1944– يىلى ئاندىن تولۇق بىكار قىلىنغان. %26 تەكشۈرۈلگۈچى بۇ تارىخنى بىر يىل ئالدىغا سۈرۈپ قويغان. قالغان زىيارەت قىلىنغۇچىلار بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىشتا قىينالغان.
يەنە بىر مەسىلىدە يەنى كىم ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان دىگەن سوئالغا %49 تەكشۈرۈلگۈچى ستالىن دەپ توغرا جاۋاپ بەرگەن، %31 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇكوۋ دەپ قارىغان. يەنە %20 تەكشۈرۈلگۈچى بۇنىڭ جاۋاپ بىرىشتە قىينالغان.
پۈتكۈل روسىيە جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: روسىيە ياشلىرى بۇ تارىخنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: ستالىنگىراد ئۇرۇشى قايسى يىلى باشلانغان؟ دېگەن سوئالغا 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئاران %28 كىشى بۇنىڭغا توغرا جاۋاپ بەرگەن. 35 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغانلاردىن توغرا جاۋاپ بەرگەنلەر %34، 60 ياشتىن ئەشقانلاردىن بولسا توغرا جاۋاپ بەرگەنلەر %38 گە يەتكەن. ۋەتەن ئۇرۇشىغا كىم رەھبەرلىك قىلغان؟ دىگەن مەسىلىگە 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە %39 كىشى توغرا جاۋاپ بەرگەن، 35 ياشتىن يۇقىرى كىشىلار توپىدىن توغرا جاۋاپ بەرگەنلەر %50 دىن ئېشىپ كەتكەن.
روسىيىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىرى مۇنداق دېدى: روسىيىنىڭ يېڭى ئەۋلات كىشىلىرى 1941–يىلىدىن 1945– يىلىغىچە بولغان ۋەتەن ئۇرۇشىنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ تارىخىي باسقۇچنى روسىيە تارىخىدىكى ئەڭ تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان بىر سەھىپە دىيىشكە بولىدۇ.
|