|
ئەنگىلىيىنىڭ يېڭىدىن تەختكە چىققان باش ۋەزىرى بروۋىن 10 يىل تىرىشىش ئارقىلىق 2–نۇمۇرلۇق شەخستىن 1–نۇمۇرلۇق شەخسكە ئايلاندى. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە، بروۋىن 1– نۇمۇرلۇق شەخسنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئانچە ياخشى ئۆتمەيدىغانلىقى، ھوقوقنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن تەس ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھىس قىلدى.
بروۋىن يىلىدا، بروۋىن ھەم زىيادە خوشاللىقنى ھەم ئازاپنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بروۋىننىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى تېز ئۆرلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. ئەمما، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. بىر يىل ئىچىدە، بروۋىننىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىدە زور دولقۇنلىنىش بولدى.
بروۋىننىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېزلىك جەھەتتە 20– ئەسىرنىڭ 30– يىللىرىدىن بۇيانقى باش ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسىدىن يۇقىرى بولدى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋىننىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىدە نىمە ئۈچۈن بۇنداق زور دولقۇنلىنىش بولىدۇ؟
ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ
ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى— بروۋىن ھۆكۈمىتىنى ھالسىرىتىپ قويدى. بروۋىن ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ— ئەنگىلىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاۋام خەلق بروۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىشىنىشتىن گۇمان قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىقتىسادنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى— ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى پەخىرلەندۈرىدىغان رىقابەت كوزىرى ئىدى. ئەمما، خەلقئارالىق كىرىدىت كىرىزىسى ۋە ئەنگىلىيە ئۆي–جاي مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ كوزىر ئۆز ئەۋزەللىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇلتۇر 9–ئايدا، ئەنگىلىيىدىكى رەنىلىك كىرىدىت بانكىسى بولغان نورسىن روك بانكىسىدا تېز نەقلەشتۈرۈش ماجراسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بروۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ بانكا ئۈچۈن كاپالەتلىك بېرىش ئۇسۇلى تالاش– تارتىش پەيدا قىلدى.
بروۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن كۆرۈش كېرەك. يەر شارى خاراكتىرلىك كىرىدىت كىرىزىسى— ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنىڭدەك يېقىلغۇ ماي ۋە يىمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ تۈۆەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بروۋىن ئۈچۈن زور قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. بروۋىن باش ۋەزىر بولۇشتىن ئىلگىرى، 10 يىل مالىيە ۋەزىرى بولغانىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا چوڭ مۇھىت ئامىلى بولسىمۇ، سايلىغۇچىلارنىڭ بروۋىننى ئەيىپلىشىگە باشقىچە قاراشتا بولغىلى بولمايدۇ.
ئىچكى–تاشقى سىياسەتلەردە يېڭىلىق كەمچىل
بروۋىن سايلام ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكىلەرگە ‹‹بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەد—خەلققە ئۆزۈمنىڭ ئىسلاھات تەسەۋۋۇرۇمنى نامايان قىلىش ھەمدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن پۇرسەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت››، دىگەنىدى. ئەمما، بۇنداق تەدبىر ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغىنى يوق.
بروۋىن بىلايىرنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەرگەن سىياسىي يۈكتىن قۇتۇلۇش، ئىشچىلار پارتىىسىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىلايىر بىلەن ئوخشاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
تەختكە چىقىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاشنى ئويلىدى. ئۇ ‹‹ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق، ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا تىكلەش››، ‹‹داۋالاش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشىلاپ، ئىكولوگىيىلىك بازار قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش›› قاتارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولدى.
ئەمما، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، جامائەتچىلىك‹‹بروۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش لايىھىسىدە ھىچقانداق يېڭىلىق يوق بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشمايدىغان سىياسەت تەدبىرلەر كەمچىل››، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىلگىرىكى ئامېرىكا بىلەن يىراقلىشىش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا مەڭگۈ چوقۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ— بىلايىر دەۋرىدىكى ئەنگىلىيە– ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بروۋىن دەۋرىدە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ— ئەنگىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئەنگىلىيىنىڭ تەڭپۇڭ بولغان دېپلۇماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر قىسىم خەلق كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال بولدى.
بروۋىن ھۆكۈمىتى ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئارتىۋېلىپ، بىلايىر ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جاۋاپ قايتۇرىدىغان بولدى. بۇ— ئۇنىڭ دېپلۇماتىيە جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، ئۇنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقتىن، سايلىغۇچىلار ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا باشلىدى.
تالاش– تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان سىياسەتنى ئىجرا قىلدى
بروۋىن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلمىغان تېررورچى گۇماندارلارنى قاماپ تۇرۇش ۋاقتىنى 28 كۈندىن 42 كۈنگە ئۇزارتىش، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ %10لىك تاپاۋەت بېجىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تالاش– تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇردى. بۇمۇ بروۋىننىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتتى.
بروۋىن تالاش– تارتىش پەيدا قىلغان ئادەم ۋە ھايۋانات تۆرەلمىسى تەتقىقاتىنى قوللىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹ئۆزىنىڭ شەخسىي مەقسىدى ئۈچۈن بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى››، دېدى. چۈنكى بروۋىننىڭ كىچىك ئوغلى فراز خالتىلىق ئىششىق خاراكتىرلىك تالالىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانات تۆرەلمىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلسا، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى.
بروۋىننىڭ شەخسىي ئوبرازى ئانچە ياخشى ئەمەس
بروۋىن ئارقا– ئارقىدىن خاتالىق سادىر قىلىپ، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان زور ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى. بۇ— بروۋىننىڭ شەخسىي ئوبرازىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋىن يېقىندا ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ سابىق ئايال نازارەتچىسى بودېتنى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ياخشى بولمىغان ئوبرازىنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشنى ئويلىدى.
ھازىرقى ناچار ۋەزىيەت تۈپەيلى، بروۋىن سايلام ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتتا، بروۋىن ئالاھىدە تەدبىر ئىشلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى توسۇپ قالالامدۇ– يوق؟ ھازىر، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان باش ۋەزىرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، كېلەر يىلى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى باشلانغۇچە بەرداشلىق بېرىش— بروۋىن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە ھىساپلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹بۇلتۇر 6–ئايدا باش ۋەزىرلىك ئورنىغا چىققان بروۋىن ئېغىر رىقابەتكە دۈچ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگىلىيە‹‹ئىقتىساد قىيىن ئەھۋالدا قېلىش، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولۇش›› دەۋرىگە قەدەم باسىدۇ›› . بۇنىڭدىن شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، بروۋىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولى تېخىمۇ جاپالىق بولىدۇ.
|