باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا جايلار مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
2008- 07- 01 11:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسىسى خەۋەرلەر تورى

       تۈنۈگۈن(30– ئىيۇن) چۈشتىن بۇرۇن ، ئىلى مېھمانخانىسى زالى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق 10 ناھىيە، شەھەردىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى. 5 مىڭ 500 دىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى بىر يەرگە جەم بولۇپ ، پارتىيىگە كىرىش قەسىمىنى قايتىدىن تەكرارلىدى . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شياڭلىن ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ‹‹پارتىيىۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا دىققەت قىلىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، ياخشى ئىستېل بىلەن ئىلىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ ، كوللېكتىپ دەرس ئۆتۈش شەكلى بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى تەبرىكلىدى . لى شياڭلىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ‹‹بۇ قېتىمقى پارتىيە دەرسى ئارقىلىق، ئىلى ئوبلاستىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش قارىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ، ئىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئىجادچانلىق بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق››.

       جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىغا 87 يىل بولغان پەيتتە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە ، شەھەرلەردىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، يېزىلاردىكى ‹‹ئۈچ پىشقەدەم››لەر، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش، ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى ھەمدە ھال سوراش پۇلى، گۈرۈچ، ئۇن، چاي، تېلېۋىزور قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. خوتەن ۋىلايەتلىك پىشقەدەم كادىرلار دەم ئېلىش ئورنى دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم كادىرلارنى تەشكىللەپ ، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شادلىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناپ ، ناخشا ئېيتىپ پارتىيىنى كۈيلىدى. بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيىلىدى. دەم ئېلىشقا چىققان كادىر دەن فۇيىن مۇنداق دېدى:‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ ، قۇدرەت تېپىشىنى، ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار، ئامان - ئېسەن بولۇشىنى تىلەيمەن››.

       ‹‹1- ئىيۇل››ھارپىسىدا، جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان تۆمۈرتام چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى قاراۋۇللۇق بەنىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر بىلەن ئازادلىق ئارمىيە چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر دۆلەت دەرۋازىسىدىكى چېگرا تېشى ئالدىدا بىرلىكتە پارتىيىگە كىرىش قەسىمىنى قايتىدىن تەكرارلاش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. تۆمۈرتام چېگرا ئېغىزى قاقاسلىققا جايلاشقان بولۇپ ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىيىن ، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، چېگرىدىن كىرىپ–چىقىدىغان يولۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك يولۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى ھارپىسىدا ، ئۇلار دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا پارتىيىگە كىرىش قەسىمىنى قايتا تەكرارلىدى . چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كەنجى ئوفىتسېر كاڭ يۇڭلې ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:‹‹ بۈگۈن چېگرا تېشى ئالدىدا بۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق ، بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيىگە كىرىش قەسىمىنى قايتا تەكرارلىغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھىس قىلدىم ، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، چېگرىدىن كىرىپ–چىققان يولۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ، يولۇچىلارنى رازى قىلىمەن››.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ