|
6-ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن مېۋە–چىۋە يايما ئورۇنلىرى ۋە مېۋە - چىۋە توپ سېتىش بازارلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل تاۋۇزنىڭ باھاسى بىراقلا تۆۋەنلەپ ، ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى بىر يۈەندىن تۆۋەن بولغان. بۇلتۇر بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋۇزنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 1.5 يۈەندىن سېتىلغان. ھازىر 0.60 يۈەندىن 0.80يۈەنگىچە سېتىلىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يېرىم باھاغا يېقىن تۆۋەن بولغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارچە سېتىلىۋاتقان تاۋۇزلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى توڭلىتىش ئىسكىلاتى مېۋە - چىۋە توپ سېتىش بازىرىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بىر بازاردىكى تاۋۇزنىڭ باھاسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. يەنى شىخەنزە تاۋۇزىنىڭ ھەر كىلوگرامى 0.80يۈەن ، تۇرپان ۋە سانجى تاۋۇزىنىڭ ھەر كىلوگرامى 0.60يۈەن ئىكەن.
|