باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
يېڭىئاۋات دېھقانلىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن نەپكە ئېرىشتى
2008- 07- 01 11:08 شىنجاڭ گېزىتى

     پەيزاۋات ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ يېڭىئاۋات 10 – كەنت كومىتېتىدىكىلەر تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشەپ، دېھقانلارنى  ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    بۇ كەنت كومىتېتىدىكىلەر بۇلتۇردىن بۇيان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا  تۇتتى. كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، دېھقانلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر پارنىك ئۈچۈن  5000 يۈەندىن 7000 يۈەنگىچە ئۆسۈمسىز قەرز ھەل قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. پارنىك ياسىغان ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى كۆتۈرۈۋېتىش بىلەن بىللە، سۇ، توك ۋە ئەمگەك كۈچى جەھەتتىن ياردەم بەردى. كەنتتىكىلەر يەنە نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، ھۆددە ئېلىپ مەسئۇل بولۇش ئارقىلىق كۆكتاتلارنى بالدۇر بازارغا كىرگۈزۈپ قىممىتىنى ئاشۇردى. يېزىلىق پەن – تېخنىكا پونكىتى ۋە ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، 468 دېھقان (قېتىم)نى پارنىك ياساش، كوكتات تېرىش، كۆكتاتلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش ۋە كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىدى.  بۇ كەنتتىكى 114 ئائىلىلىك دېھقان بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە  124 پارنىك ياساپ ، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ، تېخنىكا تەلىپى بويىچە باشقۇرغانلىقتىن، بۇ يىل  6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كۆكتات سېتىپ 372 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل بۇ كەنتتىكى دېھقانلار  يەنە 48 پارنىك ياساپ، ئۇلارغا قوغۇن ۋە تاۋۇز مايسىلىرىنى كۆچۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ