|
ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالغان مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دېھقانلارنى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
يانتاق يېزىسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى ئاساسلىقى بولقا كەنتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، 2003 – يىلىدىن ھازىرغىچە بۇ بازىدىكى پارنىك 638 گە، پارنىك ھۆددە ئالغان دېھقان 408 گە يەتتى. يېزا تېخنىكا، سۇ، توك، قاتناش، بازار ئۇچۇرى قاتارلىق جەھەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكتىن، پارنىك ھۆددە ئالغان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. 2 – ئايدىن 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ بازىدا پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقانلار بۆلجۈرگەن، تەرخەمەك، شوخلا، مۇچ، قوغۇن – تاۋۇز تېرىپ، ھەر بىر پارنىكتىن 9000 يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ، ئومۇمىي كىرىمىنى 5 مىليون 994 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.
|