|
يېقىندا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، قۇمۇل شەھىرىدە يوشۇرۇن زەھەر ئېلىپ – سېتىش ، زەھەر چېكىش ۋە زەھەر يوشۇرۇش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ ، 40 گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى.
قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش ئەترىتى 3 – ئايدا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن ، بىر ئايدىن ئارتۇق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ‹‹تۇلپار›› ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىدىكى ئەر –ئايالنىڭ زەھەر ئېلىپ ساتىدىغانلىقىنى بايقىغان . ج خ تارماقلىرىنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ساقچىلار ئۈچ سائەت كۆزىتىش ئارقىلىق ، جىنايەت گۇماندارى ئە x بىلەن ئايالى پ x نى نەق مەيداندا 16 گرام خروئىن ۋە 8600 يۈەن زاڭ پۇل، بىر دانە ‹‹54›› تىپلىق تاپانچا ، سەككىز تال ئوق بىلەن شۇنىڭدەك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە زەھەر چەككىلى، زەھەر سېتىۋالغىلى كەلگەن 40 گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى. جىنايەت گۇماندارى پ x ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى. ئۇنىڭ تاپشۇرۇشىچە : ئېرى ئە x زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن ، ئېرىنىڭ زەھەر چېكىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، زەھەر ئېلىپ – سېتىش بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە ، گۇماندار پ x قۇمۇلدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ خادىمى بولۇپ ، 2002 – يىلى زەھەر ئېلىپ – ساتقانلىقتىن ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن.
ساقچى تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن 40 گۇماندارنىڭ بەزىلىرى 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. نۆۋەتتە ، 35 جىنايەت گۇماندارىغا مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، قالغانلىرى جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ ، بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
|