باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئاقتۇ مائارىپىغا ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى
2008- 07- 01 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاقتۇ ناھىيىسى مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقانلىقتىن، ناھىيىنىڭ ئەڭ چەت يېزا – قىشلاقلىرىدىمۇ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللىشىپ، يورۇق، ئازادە دەرسخانىلار قەد كۆتۈرۈپ، ناھىيىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكىلەر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك سىنىپلارنى يېڭىلاش، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق 69 مىليون 178مىڭ  يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 74 مىڭ 108 كۋادرات مېتىر خەتەرلىك سىنىپنى يېڭىلىدى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەنتەربىيە مەيدانى ياسىتىپ بەردى، جاڭشى ئۆلكىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىشى بىلەن ناھىيە بازىرىدا ئوقۇغۇچىلار ياتاق مەركىزى قۇرۇپ، يېزا – بازار، مەيدانلاردىكى 2300 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى، شارائىتى بار خەنزۇ ۋە قىرغىز  مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈردى، 855 ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئورنىدا ۋە سىرتقى جايلاردا تەربىيىلەپ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنى %85 تىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى تۈرىگە 3مىليون 991 مىڭ يۈەن مەبلەغ  سېلىپ، چەت، يىراق كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى تولۇقلاش››سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە،  ناھىيە بويىچە 32مىڭ 500 ئوقۇغۇچى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەقسىز دەرسلىك ماتېرىيالىدىن بەھرىمەن بولدى. نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 72 گە، ئوقۇغۇچىسى 33 مىڭ 854 كە يېتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.3 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتى %98.1 كە، مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %79.2 كە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ