|
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرلۈك كىچىك پارچە سېتىش ئورۇنلىرى ۋە قەرەللىك بازارلار ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى››نى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا. 21 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە تەشۋىقاتنىڭ يېتەرسىزلىكى، قانۇن ئىجراسىنىڭ قاتتىق ئەمەسلىكىنىڭ بىر قىسىم ئوتتۇرا، كىچىك قەرەللىك بازارلار ۋە ئەتىگەنلىك، كەچلىك بازارلاردا نېپىز سۇلياۋ خالتىنىڭ يەنىلا كۆپلەپ ئىشلىتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
21 – ئىيۇن كەچقۇرۇن، يېڭى دېموكراتىيە يولىغا يېقىن كەچلىك بازاردىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا ئاچچىق كاۋا ۋە ئاغىچە سېتىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ قولىدا كۆك نېپىز سۇلياۋ خالتا بار ئىدى. ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا كېلىشىمگە كۆكتات سودىگىرى ماڭىمۇ بىر سۇلياۋ خالتا بەردى. مەن ئۇنىڭدىن: ‹‹يەنە مۇشۇ خىل سۇلياۋ خالتىنى ئىشلىتىۋېتىپسىزغۇ؟››دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: بۇ ساقلىنىپ قالغىنى، بىزگىمۇ ئامال يوق، كۆكتات سېتىۋالغۇچىلار ئۆزلىرى خالتا ئەكەلمەيدۇ، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا بىر كۈندە ئاز بولغاندا 80,– 70 خالتىنى ئىشلىتىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەرخەمەك ساتىدىغان يەنە بىر كۆكتات سودىگىرى ماڭا: بۇ يەردە بۇنداق سۇلياۋ خالتا ئىشلەتمەسلىكىمىزنى ئۇقتۇرمىدى، مەن بىر كۈندە ئون باغلام سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىپ بولىمەن، بىر باغلامدا يۈز تال سۇلياۋ خالتا بار، تەننەرخ ئۈچۈنلا 30 يۈەن كېتىدۇ، دېدى.
بېييۇەنچۈن بازىرىدىكى بىر كۆكتات يايمىسىدا خېرىدارلارغا تۇرۇپ تارتىپ بېرىۋاتقان تىجارەتچى ماڭا: بىزمۇ ھازىر ئوغرىلىقچە ئىشلىتىمىز، تۇتۇلۇپ قالساق جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ، دېدى. ئۇ: رەخت خالتا، مۇھىت ئاسراش خالتىسى ھەم ياخشى، ھەم پۇختا، دېدى. ئۇ ھازىرقى ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى››نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بۇ قالدۇق سۇلياۋ خالتىلارنى ئىشلىتىپ بولساقلا، بىز ئۈچ يۈەنلىك سۇلياۋ خالتىنى سېتىۋالىمىز، خېرىدارلارمۇ پۇل تۆلەپ ئالىدۇ، دېدى.
قىزىلتاغ بازىرىدىكى نۇرغۇن دۇكاننىڭ ئالدىدا چەكلەنگەن سۇلياۋ خالتىلارنىڭ يەنىلا باغلام – باغلام ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى، مۇھىت ئاسرايدىغان سۇلياۋ خالتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردۈم. ئىستېمالچىلار مەيلى كۆكتات ياكى بېلىق سېتىۋالسۇن، يايمىچىلار ئۇلارنى يەنىلا سۇلياۋ خالتا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەۋاتاتتى. چەكلەنگەن سۇلياۋ خالتا يەنىلا توسالغۇسىز ئىشلىتىلىۋاتاتتى.
بىر گۆش دۇكىنىدا، دۇكان خوجايىنى ماڭا ھازىر بۇ بۇيرۇقنىڭ بازاردا تېخى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر دۇكان خوجايىنى: گۆش، بېلىق قاتارلىق خام يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا رەختتىن تىكىلگەن مۇھىت ئاسرىيالايدىغان خالتىغا سالغىلى بولمايدۇ، خىزمەت قىلىدىغانلار سۇلياۋ سېۋەت كۆتۈرۈۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى يەنىلا سۇلياۋ خالتابىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، دېدى.
|