باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
دۆلەت سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ۋە كارانتىن–پرىيوم باش ئىدارىسى بىر قىسىم يېمەكلىكتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى
2008- 07- 01 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

    دۆلەت سۈپەت  – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ۋە كارانتىن – پرىيوم باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋە كونسېرۋاسى، كەمپۈت ۋە تېتىتقۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈردى، بۇ مەھسۇلاتلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.7، %87.6 ۋە %92 بولدى.

    بۇنىڭ ئىچىدە، پۇنىڭ شەھىرى لىخۇ ‹‹شىنشىنيۈەن›› يېمەكلىك زاۋۇتى (گۇاڭدۇڭ)  ۋە شۈۋېن ناھىيىسىدىكى ‹‹شىدېلې›› كونسېرۋا يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى (گۇاڭدۇڭ)نىڭ شېكەر قىياملىق لىجى مېۋىسى كونسېرۋاسىنىڭ گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد قالدۇقى مىقدارى، ناترىي ساخارىنى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى؛ پۇتيەن شەھىرىنىڭ خەنجياڭ رايونىدىكى ‹‹شىڭمىڭ›› يېمەكلىك زاۋۇتى (فۇجيەن) نىڭ شېكەر قىياملىق ئاناناس كونسېرۋاسىنىڭ تەركىبىدە لىمون سېرىقى، كۈنپېتىش سېرىقىنىڭ بارلىقى بايقالدى؛ لىپۇدىكى ‹‹شىنشىڭ›› كونسېرۋا يېمەكلىك زاۋۇتى (گۇاڭشى) نىڭ شېكەر قىياملىق لۇڭيەن مېۋىسى كونسېرۋاسىنىڭ گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد قالدۇقى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى.

    سۇجۇ شەھىرىنىڭ شىسەندىكى ‹‹يىنخۇڭ›› مېۋە – چېۋە زاۋۇتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك شېكەرلەنگەن مېۋە قېقىنىڭ كولونىيە سانى، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيىسى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى؛ پۇجياڭ شەھىرىدىكى ‹‹جىلىلۇڭ›› يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قارا ئۆرۈكى، ‹‹تيەنۋۇ›› (فۇجيەن)  يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تاللانغان ئالۇچا قېقىنىڭ قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالدى؛ گۇاڭدۇڭدىكى ‹‹نۇڭفۇشەنجۇاڭ›› يېمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹جيۇجى›› قارا ئۆرۈكىنىڭ شىكەر مىقدارى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى؛ چۇەنجۇ لوجياڭدىكى ‹‹لۈيباۋ›› يېشىل يېمەكلىكلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ تاتلىق، تۇزلۇق، چۈرۈك لەززەتلىك مېۋىلىرىنىڭ ناترىي ساخارىنى، شىكەر مىقدارى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى.

    ۋۇ شى شەھىرىدىكى ‹‹جۈۋېي›› تېتىتقۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېتىتقۇسىدا چوڭ ئۈچەي باكتېرىيە توپى، نۇكلېئوتىدى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى؛ شاڭخەي ‹‹شىدا›› يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تېتىتقۇلىرىنىڭ چوڭ ئۈچەي باكتېرىيە توپى، پېچىتى لاياقەتسىز چىقتى؛ شەندۇڭ ‹‹لىڭلەن›› تېتىتقۇ سانائەت شىركىتىنىڭ تېتىتقۇلىرىدىكى نوكلېئوتىد لاياقەتسىزچىقتى.  

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ