|
21 – ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹1 – ئىيۇن جياڭيۇ زاۋۇتى›› تاللا بازىرىدا مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم: خېلى كۆپ نەرسە سېتىۋالغان بىر خېرىدار پۇل تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، پرىكازچىكنىڭ نەرسىلىرىنى قاچىلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇردى. پرىكازچىك ئۇنىڭغا ئايرىم پۇل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن: ھە! سۇلياۋ خالتىنى راستىنلا ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولدىمۇ؟، دېدى ھەم نەرسىلىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن چوڭ سۇلياۋ خالتىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى. مەن زىيارەت جەريانىدا، بۇ خېرىدارغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› غا بولغان تونۇشى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.
‹‹لەنشيۇيۈەن›› ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدىغان لى خانىم ھازىر قانداق خىلدىكى سۇلياۋ خالتا كېرەك بولسا، پۇل تۆلەپ سېتىۋالسىلا بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن سۇلياۋ خالتا ئىشلەتكەندە مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسىلىسىنى ئويلاشقان – ئويلاشمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ تۇرۇپلا قالدى.
يېڭى دېموكراتىيە يولىنىڭ يېنىدىكى كەچلىك بازاردا نۇرغۇن كىشىنىڭ يەنىلا ئىشلىتىش چەكلەنگەن قىزىل، كۆك رەڭدىكى نېپىز سۇلياۋ خالتىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆردۈم. مەن بىر قانچە ئىستېمالچىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار نەرسە سېتىۋېلىش خالتىسىنى ئېلىۋالمىغانلىقىنى، بۇ يەردە ھەقسىز تەمىنلىگەچكە ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرىنىڭ يېڭى كۆكتات، مېۋە سېتىش رايونىدا مەن خېرىدارلارنىڭ ئۆزى يىرتىۋالىدىغان سۇلياۋ خالتىنى ئالغاندا، بولۇپمۇ چوڭ خالتىلارنى ئالغاندا بىر نەچچىنى كۆپ يىرتىۋېلىپ، نەرسە سېتىۋېلىش سىۋىتى ياكى نەرسە سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا سېلىپ قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بىر خېرىدار مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ھەر ۋاقىت ياندا ئېلىپ يۈرگىلىمۇ بولمايدۇ، بەزىدە توغرا كېپقېلىپ، كىرىپ ئازراق نەرسە سېتىۋالغاندا ئىككى – ئۈچ مو خەجلەپ سۇلياۋ خالتا سېتىۋېلىشنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق، ئۆزى يىرتىۋالىدىغان سۇلياۋ خالتىنى ئىشلەتسىلا بولىدۇ.
‹‹يىجيا›› تاللا بازىرىدا نەرسە – كېرەك ئېلىۋاتقان جاڭ خانىم تاللا بازىرىنىڭ سۇلياۋ خالتا بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشىگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ: خالتا بېرىلمىسە، بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا نەرسە سېتىۋېلىش خالتىسىنى ئۆزىمىز تەييارلىساق، بۇ نېمە دېگەن ئاۋارىچىلىك، دېدى.
ئىستېمالچى چىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، سۇلياۋ خالتا بولمىسا ئۇنىڭ نەرسە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدىكەن، ئۇ: سۇلياۋ خالتا بولسا نەرسە سېتىۋالغاندا قۇلايلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ ئەخلەت خالتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆيىدىكى ئەخلەت خالتىسى تاللا بازارلىرىدىن بەرگەن نەرسە سېتىۋېلىش خالتىسى، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىش ياخشى ئىش ئىكەن، ئەمما سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى ئىستېمالچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى قەغەز خالتا، رەخت خالتا قاتارلىق مۇھىت ئاسراش خالتىلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن.
پېچىنە – پىرەنىك تاللاۋاتقان ۋاڭ خانىم بىر قولىدا قول سومكىسىنى، بىر قولىدا مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا: دەسلەپتە مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئېلىۋېلىشقا پەقەتلا كۆنەلمىدىم، ئەمما ھەر قېتىم پۇل تۆلەپ سۇلياۋ خالتا سېتىۋېلىش ئىسراپچىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلياۋ خالتىنىڭ مۇھىتقا زىيىنى بار، شۇڭا ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدىغان بولدۇم، ھازىر ئاستا – ئاستا كۆنۈپ قالدىم، ئاۋارىچىلىكمۇ ھېس قىلمايدىغان بولدۇم، دېدى.
كونسۇل كوچىسى مەھەللىسىدە ئولتۇرىدىغان بىرەيلەن ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن: نەرسە قاچىلايدىغانغا ئۆزۈم بىر سومكا ئېلىۋالىمەن، بۇ ھېچقانچە قۇلايسىز ئەمەس، 20 – ئەسىرنىڭ 60 – ، 70 – يىللىرىدىمۇ نەرسە سېتىۋېلىشقا ئۆزىمىز سومكا ئېلىپ چىقاتتۇققۇ، سۇلياۋ خالتا چىققاندىن كېيىنلا سومكا كۆتۈرمەيدىغان بولىۋالدۇق. ئۆيىمىزدىكى سۇلياۋ خالتىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يىغىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇق، ھەممىلا ئۆيدە مۇشۇنداق ئەھۋال بار، بۇمۇ ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر ئىش، دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: كېرەككە كەلمەيدىغان سۇلياۋ خالتىلارنى بىرگە قاچىلاپ قويدۇم، بۇنىڭدا تازىلىق ئىشچىسىنىڭ يىغىۋېلىشىغىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ، ھازىر تۈرگە ئايرىلىدىغان ئەخلەت بارغۇ، بۇنىڭدا ھەم بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى بولىدىكەن، ھەم ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىمىزنى ياخشىلاشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان بولىدىكەنمىز، دېدى.
‹‹بۇ بەلگىلىمىنى قەتئىي قوللايمەن››. ئىستېمالچى شى ئەپەندى كۆپ يىللاردىن بويان نەرسە سېتىۋالغاندا ئىزچىل ئۆزى كۆكتات سىۋىتى، رەخت خالتا تەييارلىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تاللا بازىرى سۇلياۋ خالتا بىلەن تەمىنلىمىسە، ئىستېمالچىلار ھەقىقەتەن قۇلايسىزلىق ھېس قىلىدىكەن، ئەمما مۇھىت ئاسراشنىڭ كەلگۈسى ئەھمىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل قۇلايسىزلىقنى پۈتۈنلەي يەڭگىلى بولىدىكەن. ئۇ: سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشمۇ ئۇزاق مەزگىلدىن بويان شەكىللىنىپ قالغان ناچار ئادەت، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەر بىر ئىستېمالچى ئازراق تىرىشسىلا، تۇرمۇش مۇھىتىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېدى.
|